باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

«خاررىي پوتتېر»نىڭ ئاپتورى نەشرىياتنىڭ ئەسەر رەت قىلىش خېتىنى ئاشكارىلىدى

2016.03.28 16:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «خاررىي پوتتېر» رومانىنىڭ يازغۇچىسى، ئەنگلىيەلىك داڭلىق ئايال يازغۇچى J.K روۋلىڭ 25-كۈنى ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدا ئۆزىنىڭ «روبېرت گالبرايت» تەخەللۇسى بىلەن ئىجاد قىلغان رومانىنى نەشرىيات سودىگىرىنىڭ رەت قىلغانلىق خېتىنى ئاشكارىلاپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى يېزىقچىلىق قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى.

  روۋلىڭ «روبېرت گالبرايت» تەخەللۇسى بىلەن ئىجاد قىلغان جاسۇسلۇق رومانى «كاككۇك ساداسى»نى ئىككى نەشرىيات سودىگىرى رەت قىلغان ئىدى. بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر نەشرىياتچى خەتتە، ئۆزلىرىنىڭ قارىشىچە «كاككۇك ساداسى» ناملىق ئەسەرنى ئېلان قىلىپ پايدا ئالغىلى بولمايدىغانلىقىنى، شۇڭا نەشىر قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتقان، يەنە روماننىڭ ياخشى باھاغا ئېرىشىشىگە ياردىمى بولۇش ئۈچۈن، ئاپتورغا يېزىقچىلىق دەرسىگە قاتنىشىش تەكلىپى بەرگەن.

  يەنە بىر نەشرىيات سودىگىرى پەقەت ئاددىيلا قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ باشقا بىر نەشرىيات سودىگىرىگە تەۋە ئىكەنلىكى، شۇڭا يېڭى ئەسەر قوبۇل قىلىشقا ئامالسىز ئىكەنلىكى توغرىسىدا جاۋاب قايتۇرغان.

  روۋلىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇدا، بۇ ئىككى پارچە رەت قىلىش خېتىنى ئېلان قىلىشنىڭ ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن ئەمەسلىكىنى، شۇڭا جاۋاب خەت يازغان ئادەمنىڭ ئىسمىنى ئۆچۈرۈۋەتكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ: «بارلىق نەشرىيات سودىگەرلىرى مېنى رەت قىلىۋەتمىسىلا، مەن بۇنداقلا بەل قويۇۋەتمەيمەن، بىراق مەن دائىم بۇنداق ئىشنىڭ يۈز بېرىشىدىن ئەنسىرەيمەن»، دېدى.

  2013-يىلى 4-ئايدا، روبېرت گالبرايت نامىدىكى رومان «كاككۇك ساداسى»نى ئاخىرى ئەنگىلىيە كىچىك بروۋىن شىركىتى نەشر قىلدى. تاراتقۇلار ئاپتورنىڭ ھەقىقىي سالاھىيىتىنى ئاشكارىلىغاندىن كېيىن، بۇ كىتابنىڭ سېتىلىشىمۇ تېز ئاشتى، كېيىن يەنە كىنو قىلىپ ئىشلەندى.

  «كاككۇك ساداسى» روۋلىڭنىڭ قۇرامىغا يەتكەن ئوقۇرمەنلەرگە يۈزلەنگەن ئىككىنچى رومانى بولۇپ، تۇنجى رومان «تاسادىپىي بوش قېلىش» 2012-يىلى ئۇنىڭ راست ئىسمى بىلەن نەشر قىلىنغان ئىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە؛ خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر