خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شاڭخەي دىسنى باغچىسى ئىشىك بېلىتىنى سېتىش ھەم دېسنىي ئاساسىي تىما قىلىنغان مېھمانخانا ياتىقىنى زاكاس قىلىش 28 -مارت رەسمىي باشلاندى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، شاڭخەي دېسنىي ئىستىراھەت رايونى 6- ئاينىڭ 16 - كۈنى ئىچىلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ مەركىزىي قىسمى دېسنىي ئاساسىي تېما باغچىسىغا ئايلاندۇرۇلىدىكەن. شادلىق ئىشىك بېلىتى 28 -مارت كېچە سائەت بىردىن باشلاپ، شاڭخەي دېسنىي ئىستىراھەت رايونى ھۆكۈمەت تور بېتى،، ھۆكۈمەت تەرەپ ئۈندىدار جامائەت سۇپىسى ،ئارامگاھ زاكاز قىلىش مۇلازىمەت مەركىزى قاتارلىقلاردا سېتىلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ھوقۇق بېرىلگەن ساياھەت كوپىراتىپى شۇنىڭدەك ساياھەت ئارامگاھ رايونى ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى قاتارلىقلاردىمۇ جۇڭگو ۋە چەتئەللىك ساياھەتچىلەرنى بېلەت زاكاز قىلىش ۋە مېھمانخانا زاكاس قىلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى