باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياپونىيە تارىخشۇناسلىق تەتقىقات جەمئىيىتى «ئابى شىنزونىڭ سۆزى»نى تەنقىدلىدى

2015.09.15 14:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ياپونىيە مەملىكەتلىك تارىخنى تەتقىقاتچىلىرى تەشكىلاتى تارىخشۇناسلىق تەتقىقات جەمئىيىتى 14-سېنتەبىر بايانات ئېلان قىلىپ، «ئابى شىنزونىڭ سۆزى»دە ياپونىيەنىڭ تارىختىكى زىيانكەشلىك قىلمىشىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، ئۆز رايى بىلەن كەچۈرۈم سوراشنى توختىتىشقا ئۇرۇنغان دەپ تەنقىدلەپ، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تارىخقا بولغان تونۇشىنى تۈزىتىش ئاساسىدا، تارىخنى كەمتەرلىك بىلەن قوبۇل قىلىشى ۋە كېيىنكىلەرگە يەتكۈزۈشىنى تەلەپ قىلدى.

  باياناتتا «ئابى شىنزونىڭ سۆزى»دە ئۈچ چوڭ مەسىلە بارلىقى كۆرسىتىلدى: بىرىنچى، «سۆز»دە ياپونىيە چاۋشيەن يېرىم ئارىلى، جۇڭگو-تەيۋەننى مۇستەملىكىسى قىلغانلىقىدەك ئەمەلىيەتكە كۆز يۇمۇپ، مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىق قىلغانلىقىدەك جاۋابكارلىقىنى ياۋروپا دۆلەتلىرىگە ئىتتىرىپ، ئۆزىنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۇسلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنغان.ئىككىنچى، «سۆز»دە 2-دۇنيا ئۇرۇشى پارتلاش جەريانىنى ياپونىيە پاسسىپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان دەپ چۈشەنچە بېرىپ، ئۇرۇشنىڭ سوبېيكتىپ جاۋابكارلىقىدىن قېچىپ، ياپونىيەنى ئاقلىغان. ئۈچىنچى، «سۆز»دە زىيانكەشلىك قىلغۇچىنىڭ ئۇرۇش ۋە مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقتا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ئالدىدا ئېلىشقا تېگىشلىك جاۋابكارلىق ئېڭى كەمچىل بولغان، «ئارمىيەدىن ھال سورىغۇچى ئاياللار» قاتارلىق مەسىلىلەرنى قەستەن سۇسلاشتۇرۇپ، ياپونىيە جاۋابكارلىقتىن قاچۇرغان.

  ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئابى شىنزو بۇ يىل 14-ئاۋغۇست ئۇرۇشتىن كېيىنكى 70 يىللىق مۇناسىۋىتى بىلەن « سۆزى»نى ئېلان قىلىپ، ئۆتكەن نۆۋەتلىك كابىنېتنىڭ تارىخىي تونۇش مەيدانىغا بولغان ئۇسۇلىنى ئەسلەپ، «خاتالىقى ئۈستىدە ئويلىنىش»، «كەچۈرۈم سوراش» قاتارلىقلارنى ۋاسىتىلىك تىلغا ئالدى ۋە ئۇرۇشتىن كېيىن تۇغۇلغان ياپونىيەلىكلەرنىڭ «كەچۈرۈم سوراش قىسمىتى»نى ئۈستىگە ئالماسلىقى كېرەك،دېدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر