باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سكوۋروفت رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولۇشى توغرىسىدا توختىلىپ: بۇ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى ۋە دۇنيا تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى مۇمكىن، دېدى

2015.09.15 16:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  90 ياشلىق سكوۋروفت ئامېرىكا سابىق زۇڭتۇڭىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىشلىرى ياردەمچىسى بولغان. ئۇ 1971-يىلى زۇڭتۇڭ نىكسوننىڭ جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇشىدىكى ئالدىن ئەۋەتىلگۈچىلەر ئۆمىكىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن جڭگوغا كەلگەن، ئۇ ئەڭ بۇرۇن جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان ئامېرىكا يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى 1989-يىلى مۈشكۈل ئەھۋالدا قالغان پەيتتە، ئۇ زۇڭتۇڭ چوڭ بۇشنىڭ خاس ئەلچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن جۇڭگودا ئىككى قېتىم زىيارەتتە بولۇپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىشىغا مۇھىم تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇنى جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ باشلىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنىڭ شاھىدى دېيىشكە بولىدۇ. جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ پات ئارىدا ئامېرىكىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولماقچى بولۇۋاتقان پەيتتە، سكوۋروفت گېزىتىمىز مۇخبىرىنىڭ مەخسۇس يازما زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

  سكوۋروفت: «مەن شى جىنپىڭ 2012-يىلى دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولغاندا ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەن. شى جىنپىڭ ناھايىتى ياخشى زەن قويۇپ ئاڭلىغۇچى، ئۇ ھەر قايسى تەرەپنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلىش پىكرىنى ئاڭلاشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئۇ ئامېرىكا-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىملىقى ۋە ئىككى تەرەپنىڭ يەنىمۇ ئادىل دۇنيا بەرپا قىلىش ئۈچۈن قانداق ھەمكارلىشىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا قايىل قىلارلىق نۇتۇقلارنى سۆزلىگەن. ئامېرىكا خەلقى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ تەرىپىنى كۆرۈشكە ناھايىتى ئىنتىزار» دېدى.

  جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 36 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى قاتتىق سىناقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ، تەدرىجىي پىشىپ يىتىلمەكتە. سكوۋروفت مۇنداق دېدى: ئامېرىكا-جۇڭگو ھەمكارلىقى نۇرغۇن ئەۋزەللىككە ئىگە، ئىككىلا دۆلەتنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە خەۋپسىزلىكىگە پائال تۆھپە قوشۇش ئارزۇسى بار. ئەلۋەتتە، ئىككى تەرەپنىڭ بۇ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا ئىخىتلاپ بار، بەزى يەنە كەسكىن مۇناسىۋەت پەيدا قىلىپ قويىدۇ. لېكىن، ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ يەنىمۇ كۈچلۈك ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەپ، مۇھىتنى ھەمكارلىشىپ تۈزەپ، ئېھتىياجلىق كىشىلەرنى ئىنسانپەرۋەرلىكى ياردىمى بىلەن تەمىنلىشى، تېررورلۇققا ئورتاق زەربە بېرىشى ھەم ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئۈچۈن، ئىككى تەرەپ ئىختىلاپنى ياخشى بىر تەرەپ قىلغاندىن سىرت، يەنە ئىككى تەرەپ ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە رايوندا يەنىمۇ ئىجادىي ھەمكارلىشىشى كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر