باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

8-ئايدىكى ئىستېمالنىڭ ئېشىش سۈرئىتى بۇ يىللىق يېڭى رېكورتنى ياراتتى

ئادەتتىكى ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ٪10.8 ئاشتى

2015.09.14 16:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 13-سېنتەبىر ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئادەتتىكى ئىستېمال بويۇملىرىنىڭ 8-ئايدىكى پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 2 تىرىللىئون 489 مىليارد 300 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن نامدا ٪10.8 ئاشقان، بۇ يىللىق يېڭى رېكورتنى ياراتقان. بۇنىڭ ئىچىدە، نورمىدىن يۇقىرى ئورۇنلاردىكى ئىستېمال بويۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش سوممىسى 1 تىرىللىئون 125 مىليارد 700 مىليون يۈەن بولۇپ، ٪8.0 ئاشقان.

  ئۆتكەن سەككىز ئايدا، ئادەتتىكى ئىستېمال بويۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 19 تىرىللىئون 80 مىليارد 900 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ٪10.5 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، نورمىدىن يۇقىرى ئورۇنلاردىكى ئىستېمال بويۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش سوممىسى 8 تىرىللىئون 857 مىليارد 600 مىليون يۈەن بولۇپ، ٪7.4 ئاشقان.

  تاۋارلارنىڭ پارچە سېتىلىشىدا، نورمىدىن يۇقىرى ئورۇنلاردىكى تاۋارلارنىڭ 8-ئايدىكى پارچە سېتىلىش سوممىسى 1 تىرىللىئون 51 مىليارد 600 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ٪7.9 ئاشقان. 1-ئايدىن 8-ئايغىچە، نورمىدىن يۇقىرى ئورۇنلاردىكى تاۋارلارنىڭ پارچە سېتىلىش سوممىسى 8 تىرىللىئون 317 مىليارد 600 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ٪7.5 ئاشقان، مەملىكەت بويىچە توردا پارچە سېتىلىش سوممىسى 2 تىرىللىئون 240 مىليارد 100 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ٪36.5 ئاشقان. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر