سۈرەتتە: 13-سېنتەبر چۇڭچىڭدىكى بىر ھەممىباب تىك ئۇچار ئايرۇپىلانى چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىنىڭ قۇتقۇزۇش نەق مەيدانى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ14-سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:شۇ كۈنى سائەت 13دە، چۇڭچىڭدا بىر ھەممىباب تىك ئۇچار ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتكەن، ئايروپىلاندىكى 4ئادەمنىڭ ھەممىسى قازا قىلغان. ئىگىلىنىشچە، بۇ B-7702نومۇرلۇق بېل 407GXتىك ئۇچار ئايروپىلان چۇڭچىڭ ۋەنجوۋدىن لياڭپىڭغا ئۇچقان بولۇپ بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىش جەريانىدا تۇيۇقسىز يەر يۈزى بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان. شۇ چاغدا تىك ئۇچار ئايروپىلاندا شوپۇر، ياردەمچى شوپۇر ۋە 2نەپەر مەشغۇلات خادىملىرى بولۇپ تۆت كىشى بار ئىكەن. سائەت 18دىن 30مىنۇت ئۆتكەندە، ئىزدەش خادىملىرى لياڭپىڭ ناھىيەسى پەنلوڭ كەنتى خۇساۋ يېزىسىدا بۇ چۈشۈپ كەتكەن تىك ئۇچار ئايروپىلاننى بايقىغان.ئايروپىلاندىكى ھەممە ئادەم قازا قىلغان. ھازىر، ئالاقىدار تارماقلار ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ، ھادىسىنى تەكشۈرۈش ۋە باشقا ئاخىرەتلىك ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى باشلىدى.(مەلىكەم تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى