باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو، ياپونىيە، كورېيە يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ۋە ھايۋاناتلار يۇقۇمىدىن ساقلىنىشتا ھەمكارلىشىدۇ

2015.09.15 11:26         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىككىنچى نۆۋەتلىك جۇڭگو، ياپونىيە، كورېيەنىڭ يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىرى يىغىنى تۈنۈگۈن توكيودا يېپىلدى. ئۈچ دۆلەت بىرلەشمە ئاخبارات ئىمزالاپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى، ھايۋانات-ئۆسۈملۈك كېسەللىكلىرىدىن مۇداپىئەلىنىش قاتارلىق مەسىلىلەردە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى قارار قىلدى. ئۈچ دۆلەت كەلگۈسىدە يېزا ئىگىلىكى ھەمدە سودا سىياسەت جەھەتتىكى ئۇچۇر ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى ھەمكارلىقىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك سېلىنمىسىنى كۆپەيتىدۇ ھەمدە يېزا ئىگىلىكى سودىسىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۈچ دۆلەتنىڭ يەنە كەلگۈسىدە يۈز بېرىدىغان تەبىئىي ئاپەتلەر ئۈستىدە تەكشۈرۈش ۋە مۇھاكىمە يۈرگۈزگەندە ئۆزئارا ھەمكارلىشىش مۇمكىنچىلىكى بار ھەمدە ئۈچ دۆلەتنىڭ ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ ئۈچ دۆلەتلەرنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ۋە يېمەكلىك سودىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىملىقىنى قايتا تەكىتلەپ، ئۈچ دۆلەتلەرنىڭ ئەركىن سودا كېلىشىمى سۆھبىتى ئۈچ دۆلەتكە ئۈچ خىل پايدا ئېلىپ كېلىدۇ دەپ ھېسابلاندى.

  بۇندىن باشقا، ئۈچ دۆلەت يەنە يىغىندا «جۇڭگو، ياپونىيە، كورېيەنىڭ يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقلىرىنىڭ چېگرا ھالقىغان ھايۋانلاردىكى يۇقۇملۇق كېسەللىككە تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقى چۈشىنىش ئەسلەتمىسى»نى ئىمزالىدى، چېگرا ھالقىغان ھايۋانلاردىكى يۇقۇملۇق كېسەللىكىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنى كونترول قىلىشنى كۈچەيتىپ، ھايۋانات كېسەللىكلىرىگە دىياگنوز قويۇش ئۇسۇلى ۋە ۋاكسىنا تەتقىقاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش بولۇپمۇ ئۈچ دۆلەتنىڭ يەنە قۇش زۇكىمى ھەققىدىكى ئۇچۇرلىرىدىن تەڭ بەھرىلىنىش ۋە بىرلىشىپ تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىشنى قارار قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر