باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مىدۋىدىۋ: بىرلىككە كەلگەن رۇسىيە پارتىيەسىنىڭ ئىپادىسى كىشىنى مەمنۇن قىلىدۇ

2015.09.15 11:27         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيەدە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان بىرلىككە كەلگەن رۇسىيە پارتىيەسىنىڭ رەئىسى، رۇسىيە زۇڭلىسى مىدۋىدىۋ تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: بىرلىككە كەلگەن رۇسىيە پارتىيەسىنىڭ شۇ كۈنى ئۆتكۈزگەن بىرلىككە كەلگەن رۇسىيە پارتىيەسىگە ئاۋاز بېرىش كۈنى سايلىمىدىكى ئىپادىسى كىشىنى مەمنۇن قىلىدۇ، بۇ رۇسىيە خەلقىنىڭ ھازىرقى ھاكىمىيەتنىڭ فاڭجېن سىياسەتلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

  رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مىدۋىدىۋ شۇ كۈنى بىرلىككە كەلگەن رۇسىيە پارتىيەسىگە ئاۋاز بېرىش كۈنى سايلىمى ئاياغلاشقاندىن كېيىن بىرلىككە كەلگەن رۇسىيە پارتىيەسىنىڭ باش ئورگىنىدا مۇنداق دېدى: ھازىر بېلەت ھېسابلاش خىزمىتى ئېلىپ بېرىلماقتا، لېكىن ئىگىلەنگەن ئەھۋاللاردىن قارىغاندا، بىرلىككە كەلگەن رۇسىيە پارتىيەسىنىڭ سايلامدىكى ئىپادىسى كىشىنى مەمنۇن قىلىدۇ، مەن شۇنداق دېيەلەيمەنكى، نەتىجە كۈتكىنىمىزدەك بولدى. تۈنۈگۈن رۇسىيەنىڭ يىلدا بىر نۆۋەت ئۆتكۈزۈلىدىغان بىرلىككە كەلگەن رۇسىيە پارتىيەسىگە ئاۋاز بېرىش كۈنى. بۇ كۈنى پۈتۈن رۇسىيە بويىچە ئون مىڭ مەيداندىن كۆپرەك ئوخشىمىغان دەرىجىدە سايلام پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى. سايلامدا 21 فېدېراتسىيە گەۋدىسىنىڭ يەرلىك ئەمەلدارى ۋە 11 فېدېراتسىيە گەۋدىسىنىڭ يەرلىك پارلامېنت ئەزالىرى سايلام چېقىلدى. بۇ قېتىمقى سايلام 2016-يىلى رۇسىيە دۆلەت دۇماسى پارلامېنت تۆۋەن پالاتاسى سايلىمىدىن بۇرۇنقى ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق يەرلىك سايلام، دەسلەپكى بېلەت ھېسابلاش نەتىجىسىگە ئاساسەن، بىرلىككە كەلگەن رۇسىيە پارتىيەسى شۇ كۈندىكى سايلامدا ئەۋزەللىككە ئېرىشكەن. ئەڭ ئاخىرقى سايلام نەتىجىسى بىر قانچە كۈندىن كېيىن ئېلان قىلىنىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر