باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكىلىق 16ياشلىق ئۆسمۈر تۈرمىدە 44يىل يېتىپ 60يېشىدا قويۇپ بېرىلدى

2015.05.27 16:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا «مەيئامى ئاۋانگارتلار گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا فىلورىدا شىتاتى مەيئامىدىكى 60ياشلىق بىر ئەر تۈرمىدە 44يىلنى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن قايتا ئەركىنلىككە ئېرىشكەن. بۇ ئەر 16يېشىدا بىر قېتىملىق قەستلەپ ئۆلتۈرۈش دېلوسىغا قاتناشقانلىقى ئۈچۈن مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان، كېيىن سوتنىڭ قايتا قاراپ چىقىشى بىلەن، ئەينى چاغدا قورامىغا يەتمىگەنلەرنى ئۆمۈرلۈك قاماققا ھۆكۈم قىلىش قانۇنغا ئۇيغۇن بولمىغان قىلمىش دەپ قارىلىپ، ئۇ قويۇپ بېرىلگەن.

  شۇ يەر ۋاقتى 22-ماي، 60ياشلىق پرىنس جونسون مېئامى سەييارە سوتىدا ئائىلىدىكىلىرى بىلەن جەم بولغاندا ئاۋازىنى قويۇۋېتىپ يىغلاپ كەتكەن. 16يېشىدا تۈرمىگە كىرگەندىن بۈگۈنگىچە 44يىل ئۆتكەن بولۇپ، ئەينى چاغدىكى ئۆسمۈر ھازىرقى چاچلىرى ئاقارغان بوۋايغا ئايلانغان ئىدى.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر