باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياپونىيە خەلقى ئامېرىكا ئارمىيەسى بازىسىنى يۆتكەشنى تەلەپ قىلىپ نامايىش قىلدى

2015.05.26 16:03         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئون مىڭدىن ئارتۇق ياپونىيەلىك تۈنۈگۈن ياپونىيە پارلامېنتىنى قورشىۋېلىپ، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئوكىناۋا ئۆلكىسىنىڭ فۇتىنمادىكى ھەربىي بازىسىنى بۇ ئۆلكىنىڭ ھېنوكو دېگەن يېرىگە يۆتكىشىگە ئېتىراز بىلدۈردى.

  نامايىشچىلاردىن ئوقۇغۇچىلار ۋەكىلى، ئالىم، سىياسىيونلار قاتارلىقلار شۇ مەيداندا بازىنى يۆتكەشكە قارشى نۇتۇق سۆزلىدى. ھېنوكو جايلاشقان ناگوشى شەھىرىنىڭ باشلىقى مۇنداق دېدى: ياپونىيە ھۆكۈمىتى ھەر كۈنى دېگۈدەك ئوكىناۋا ئاممىسىنىڭ ئارزۇسىغا سەل قاراۋاتىدۇ، ئوكىناۋا ئاممىسى ۋە ناگوشى شەھەر ئاممىسى ياپونىيەنىڭ ھەقىقىي دېموكراتىك دۆلەت ياكى ئەمەسلىكىدىن گۇمانلىنىۋاتىدۇ. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئابى شىنزو كابىنېتى ماقۇللىغان بىخەتەرلىكنى قوغداشقا ئالاقىدار قانۇنلار ھېنوكودىكى يېڭى ھەربىي بازا قۇرۇش بىلەن مۇناسىۋەتسىز، بۇ ياپونىيە ھۆكۈمىتى تاپقان ئىش.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر