باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بىر يول بىر بەلۋاغ ئۇلۇغ ھەم تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە

2015.04.07 10:03         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكىنىڭ سابىق مۇئاۋىن دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى، كېسىنگىر مەسلىھەت بېرىش شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى روبىرت خۇمارت جۇڭگو تەشەببۇس قىلغان بىر يول بىر بەلۋاغ پىلانىغا مۇنداق باھا بەردى: ئۇلۇغ دۆلەت ئۇلۇغ ئىشلارغا قاتنىشىش كېرەك، بىر بەلۋاغ بىر يول پىلانى ھەقىقىي ئۇلۇغ بولغان تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىش. ئۇنىڭ قارىشىچە بىر يول بىر بەلۋاغ پىلانىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى جۇڭگونىڭ كۈچلۈك ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچىگە مەدەت بېرىپلا قالماستىن يەنە جۇڭگونىڭ دۇنيادىكى باشقا ئىقتىسادى گەۋدىلەر ئارىسىدىكى ئۆز ئارا ئالاقىسى ۋە ئۆز ئارا تەسىر كۆرسىتىشىنى چوڭقۇر چۈشەندۈرىدۇ. بىر يول بىر بەلۋاغ پىلانى تارىخىي خاراكتېرلىق پىلان، ئۇ پۈتۈن ئاسىيا رايونى ھەتتا دۇنياغا غايەت زور تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ نەچچە ئون يىلدىن بۇيان بىر دۆلەت تەشەببۇس قىلغان ئەڭ كەڭ، ئەڭ ئومۇميۈزلۈك خەلقئارالىق ئىقتىساد ھەمكارلىق تەشەببۇسى.

  ئامېرىكا جون خوپكىنىس ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مەسىلىلەر ئالىي تەتقىقات ئىنىستېتوتىنىڭ پروفېسسورى باۋتەل بىر بەلۋاغ بىر يول پىلانىغا ئاكتىپ پوزىتسىيە تۇتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: مېنىڭچە جۇڭگو يەر شارىنى ئاممىۋى مەھسۇلات بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارى بار. بىر بەلۋاغ بىر يول پىلانى ئوتتۇرا ئاسىيا ، غەربىي ئاسىيانىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم نىشان بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇ جۇڭگونىڭ ئاسىيادىكى قوشنىلىرى، ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقا رايونىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويغان تەشەببۇس.

  كونىلاردا باي بولاي دېسەڭ ئاۋۋال يول ياسا دېگەن سۆز بار. ئۇل ئەسلىھە كەڭ دائىرىلىك، كەڭ ساھەلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھەمكارلىق ئاساسى. بىر بەلۋاغ بىر يول ئاساسلىقى ئاسىيا ياۋروپا ئافرىقىدىن ئىبارەت ئۈچ قىتئەنى قاپلايدۇ، ئاسىيا ياۋروپادىن ئىبارەت ئىككى ئىقتىساد چەمبىرىكىنى تۇتاشتۇرىدۇ، رايون ئىچىدىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم جايلارنىڭ ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ تەرەققىياتى ئاجىز ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىمۇ تەبىئىيلا بىر بەلۋاغ بىر يول ئىستراتېگىيىسىدىكى ئالدىن تاللىنىدىغان ساھەگە ئايلاندى.

  3-ئاينىڭ 28-كۈنى جۇڭگو يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ۋە 21- ئەسىر دېڭىز يىپەك يولىنى بىرلىكتە قۇرۇش ئارزۇسى ۋە ھەرىكىتىگە تۈرتكە بولدى، بۇنىڭ بىلەن بىر بەلۋاغ بىر يول پىلانىدا پروگرامما خاراكتېرلىق ھۆججەت روياپقا چىقتى. رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى يىراق شەرق تەتقىقات ئورنىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى ياكوف بىرگىر مۇنداق دەپ قارىدى: ئارزۇ ۋە ھەرىكەت پروگراممىسىدا جۇڭگو بىلەن بىر بەلۋاغ بىر يول لىنىيىسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ بىر يۈرۈش ھەمكارلىق يۆنىلىشى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ دۆلەتلەر ئۇل ئەسلىھەلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىنتايىن موھتاج ، جۇڭگو ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى جەھەتتە خاس تەجرىبىگە ھەمدە زۆرۈر ئۈسكۈنە ۋە تېخنىكىغا ئىگە. شۇڭا بىر بەلۋاغ بىر يول پىلانى ئەمەلىي بىر بىرىگە نەپ يەتكۈزىدىغان تەكلىپ بولۇپ، جۇڭگو بىلەن قاتناشقۇچى دۆلەتلەرگە ئىنتايىن پايدىلىق.

  ئارزۇ ۋە ھەرىكەت پىلانى ئومۇميۈزلۈك، كۆپ تەرەپلىك، جانلىق تەرەققىيات پىلانى. بۇ جۇڭگونىڭ تەرەققىيات خەرىتىسى بولۇپلا قالماستىن، ئاسىيا ھەتتا دۇنيانىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بىرىگىر مۇنداق دېدى: بۇ پىلان ئەگەر ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلسا دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي قېلىپىنى قايتىدىن تۈزىدۇ، يەر شارىنىڭ پۇل مۇئامىلە تەرتىپىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.

  رۇسىيە زامانىۋى تەرەققىيات ئىنىستېتوتى مالىيە ئىقتىساد كافېدراسىنىڭ مەسئۇلى ماسلىنكوف مۇنۇلارنى بىلدۈردى:جۇڭگو بىلەن رۇسىيە قوشنا چوڭ دۆلەتلەر. بىر بەلۋاغ بىر يول ئىستراتېگىيىسى ئىككى دۆلەتنىڭ ئۇل ئەسلىھە ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىشىنى رايون ئۈستۈنلىكى بىلەن تەمىنلەيدۇ. رۇسىيە بىر بەلۋاغ بىر يول رامكىسىدا جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە موھتاج.جۇڭگو بىلەن رۇسىيىنىڭ يىراق شەرق رايونىدىكى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ساھەسىدىمۇ كەڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئىگە.بىر بەلۋاغ بىر يول ئىستراتېگىيىسى سودا ۋە مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق مەبلەغنىڭ لىنىيە بويىدىكى رايونلارغا يۆتكىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. جانلىق بولغان يەر شارىدىكى سودا پائالىيەتلىرىنى بىرىكتۈرۈشتە مەزكۇر رايوننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  ئاۋىستىرائىلىيە پۇل مۇئامىلە ئوبزور گېزىتىنىڭ مەخسۇس ئىستون ئوبزورچىسى يېقىندا ئېلان قىلىنغان ماقالىسىدە مۇنداق دېدى: جۇڭگو رەھبەرلىرى بىر بەلۋاغ بىر يول ئىستراتېگىيىسىنىڭ ئىككى تەرەپكە مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى كۆپ قېتىم تەكىتلىدى. بۇ دەل جۇڭگونىڭ ئىقتىسادنى يېڭىدىن ئاشۇرۇش ئۇسۇلى ئېلىپ كېلىدىغان ئۆز ئارا پايدا مەنپەئەت. بۇ ئىستراتېگىيە لىنىيە بويىدىكى رايونلارنىڭ تىنچ گۈللىنىش شەكلى بىلەن تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشىغا ياردەم بېرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر