فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاند 7-ئاپرېل فىرانسىيەگە زىيارەتكە كەلگەن تۇنىس زۇڭتۇڭى Aisebuxi بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ باردى. Aisebuxi فىرانسىيەدە ئىككى كۈنلۈك دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدىغان بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ تۇنىسنىڭ زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم فىرانسىيەگە زىيارەتكە كېلىشى ھېسابلىنىدۇ. فىرانسىيىە تاراتقۇلىرى: فىرانسىيە بىلەن تۇنىس رادىكال كۈچلەرنىڭ ئېغىر تەھدىتىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ، شۇڭا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە، خرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشقا مۇھتاج، دەپ قارىغان.