ئامېرىكىنىڭ نيۇيوركتىكى بىر باغچىدا شۇ يەر ۋاقتى 2015-يىل 6-ئاپرېل سەھەر ئېدۋارد سىنوۋدېننىڭ ھەيكىلى پەيدا بولۇپ قالغان، ھۆكۈمەت تەرەپ شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن بۇ ھەيكەلنى ئېلىۋەتكەن.
گىرمبۇرگ باغچىسىدىكى تۈرمە پاراخوتى قەھرىمانلار ئابىدىسى يېنىغا تىكلەنگەن سىنوۋدېننىڭ بۇ يېرىم بەدەن ھەيكىلى مەرمەرتاشتىن ياسالغان تۈۋرۈك ئۈستىگە قويۇلغان بولۇپ، ھەيكەل ئاستىغا سىنوۋدېننىڭ ئىسمى يېزىلغان. لېكىن نيۇيورك باغچا باشقۇرۇش ئورنىدىكى خىزمەتچىلەر 6-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن بۇ ھەيكەلنى يۆتكىۋەتكەن. مەخسۇس خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۈچ نەپەر سەنئەتكار ۋە ئۇلارنىڭ ياردەمچىلىرى 4 ئىنگلىزچىسى كېلىدىغان بۇ ھەيكەلنى تاڭ ئېتىشتىن بۇرۇن باغچىغا قويۇپ قويغان ئىكەن.