باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

8-ئاپرېلدىن باشلاپ ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھەق ئېلىش ئىجازەتنامىسى ۋاقتىنى ئۇزارتىش رەسمىيىتى بېجىرىلىدۇ

2015.04.08 15:50         مەنبە: مەركىزى تېلېۋىزىيە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۈرۈمچىدىكى ھەر قايسى ھەق ئېلىش ئورۇنلىرى 8-ئاپرېلدىن 28-مايغىچە شەھەرلىك تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتىغا بېرىپ ھەق ئېلىش ئىجازەتنامىسى ۋاقتىنى ئۇزارتىش رەسمىيىتىنى بېجىرسە بولىدۇ.

  مىچۈەن-كۆكتاغ رايونى، ئۈرۈمچى ناھىيەسى، داۋانچىڭ رايونىنىڭ ھەق ئېلىش ئىجازەتنامىسى ۋاقتىنى ئۇزارتىش رەسمىيىتىگە شۇ رايون ۋە ناھىيەنىڭ ئىقتىساد ۋە تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى مەسئۇل بولىدۇ.

  2-ئاپرېل مۇخبىرنىڭ شەھەرلىك تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىلدىن باشلاپ ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھەق ئېلىش ئىجازەتنامىسىنى يىللىق تەكشۈرۈش بىكار قىلىنغان بولۇپ، ھەق ئېلىش ئىجازەتنامىسىنى 2015-يىل ئاخىرىغىچە ئىشلىتىشكە بولىدىكەن.

  شەھەرلىك تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى ھەق ئېلىشنى باشقۇرۇش باشقارمىسى مەسئۇلىنىڭ تۇنۇشتۇرۇشىچە، ھەق ئېلىش ئىجازەتنامىسىنى يىللىق تەكشۈرۈش بىكار قىلىنغاندىن كېيىن، ھەق ئېلىش ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كۈچەيتىلىپ، ھەر قايسى ھەق ئېلىش ئورۇنلىرىدا مۇكەممەل ھەق ئېلىش ئاقما ھېسابات تۈزۈمى قۇرۇشقا ياردەم بېرىلىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كۈچەيتىلىدىكەن، ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ يەرلىك باھا، مالىيە تارماقلىرىغا ھەق ئېلىش ئورۇنلىرى تىزىملىكى، ئۆزگىرىش ئەھۋالى ۋە يىللىق ھەق ئېلىش ئەھۋالى دوكلات جەدۋىلىنى ۋاقتىدا يوللاپ بېرىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىنىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر