باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

دېھقان بالىلىرىنىڭ رېئاللىققا ئايلانغان پۇتبول ئارزۇسى

2015.04.08 15:59         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ‹‹ئۈچ ئەل›› خىزمىتى بويىچە باغراش ناھىيەسىنىڭ باغراش يېزىسى كۇدەيلىك كەنتىگە چۈشكەن ھەمراجان رېشىت يېقىندىن بۇيان ئالاھىدە ئالدىراش بولۇپ كەتتى. ئۇ كۈندە چۈشتىن كېيىن ناھىيەلىك 5 – باشلانغۇچ مەكتەپتە يېڭىدىن تەشكىللەنگەن پۇتبول كوماندىسىدىكى بالىلارنى مەشىقلەندۈرەتتى، ئۇنىڭ كۈنى ئەنە شۇنداق ئالدىراش ئۆتەتتى، ئەمما ئۇ كوماندىدىكى بالىلارنىڭ پۇتبول ئوينىغاندىكى خۇشاللىقىنى كۆرگەندە ھاردۇقى چىقىپ قالاتتى.

  ھەمراجان رېشىت باغراش ناھىيەلىك تەمىنات – سودا كوپىراتىپىدا ئىشلەيتتى. ئۇ بۇ يىل مارتتا ناھىيەلىك تەمىنات – سودا كوپىراتىپى بىلەن ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسىدىكى كادىرلاردىن تەشكىللەنگەن ‹‹ئۈچ ئەل›› خىزمەت گۇرۇپپىسىغا ئەزا بولۇپ كۇدەيلىك كەنتىگە چۈشكەنىدى. كەنتكە چۈشكەن كادىرلار ئائىلىمۇ ئائىلە كىرىپ، كەنتتىكىلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەش جەريانىدا، كەنتتىكى بالىلارنىڭ پۇتبولغا ئالاھىدە ھەۋىسى بارلىقىنى، بىكار ۋاقتى بولسىلا پۇتبول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدى. ھەمراجان رېشىت كىچىكىدىن پۇتبولغا قىزىقىدىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىلگىرى ناھىيەلىك ئىشتىن سىرتقى پۇتبول كوماندىسىدا مۇسابىقە ئوينىغان بولغاچقا، كەنتتىكى بالىلارنىڭ پۇتبولغا بولغان قىزىقىشىنى كۆرۈپ، پۇتبول كوماندىسى تەشكىللەش ئويىغا كېلىپ قالدى. ئۇنىڭ بۇ ئويى خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى لۇ لىئەي قاتارلىق كادىرلارنىڭ بىردەك قوللىشىغا ئېرىشتى، ئەمما ئۇلارنىڭ بۇ ئوينى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشى ئۇنچە ئاسانغا توختىمىدى.

  كۇدەيلىك كەنتىدە كۆچمە نوپۇس كۆپ ئىدى. كۆپىنچە ئاتا – ئانا بالىلىرىنىڭ پۇتبول ئوينىشى ئەمەس، مەكتەپتە ئوقۇشىغىمۇ قىزىقمايتتى، شۇڭا ئاتا – ئانىلارنىڭ بالىلارنى ئوقۇتۇشقا بولغان قارىشىنى ئۆزگەرتىش كەنتكە چۈشكەن كادىرلارنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى بولۇپ قالدى. كادىرلار ئۆيمۇ ئۆي كىرىپ، بالىلارنى ئوقۇتۇشنىڭ مۇھىملىقىنى، تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشنىڭ بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە كەم بولسا بولمايدىغان چېنىقىش ئىكەنلىكىنى زېرىكمەي – تېرىكمەي چۈشەندۈردى. بۇنىڭ بىلەن ئاتا – ئانىلارنىڭ قارىشى ئاستا – ئاستا ئۆزگىرىپ، بالىلىرىنىڭ پۇتبول كوماندىسىغا ئەزا بولۇشىغا قوشۇلدى. بۇ خەۋەر بىلەن تەڭ كەنتتىكى بالىلار بەس – بەستە كوماندىغا ئەزا بولدى. ھەمراجان رېشىت بۇ بالىلاردىن 12 بالىنى تاللاپ، ‹‹قۇملۇق بۇلىقى›› پۇتبول كوماندىسىنى تەشكىللىدى. كەنتكە چۈشكەن كادىرلار باغراش يېزىلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە مائارىپ ئىدارىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ، يېزا بازىرىدىكى ناھىيەلىك 5 – باشلانغۇچ مەكتەپتە مەشىق قىلىدىغان بولدى.

  بالىلارنىڭ بەدەن ساپاسى بەك ياخشىكەن، دېدى ھەمراجان رېشىت تۇنجى قېتىملىق مەشىقتىن كېيىن ھاياجان بىلەن، كۇدەيلىك كەنتىدە خەنزۇ، موڭغۇل، ئۇيغۇر، خۇيزۇ، قازاق قاتارلىق كۆپ مىللەت ئورتاق ياشايدۇ. كوماندىمىزمۇ كۆپ مىللەت بالىلىرىدىن تەشكىللەنگەن، بۇ كوماندا بالىلارغا ئىناقلىق تەربىيەسى بېرىشتىكى ياخشى سورۇن بولىدۇ. كوماندىدىكى بالىلارنى پۇتبول ماھارىتى بويىچە مەشىقلەندۈرۈشنى ئويلاشتىم. بىر مەزگىللىك مەشىقتىن كېيىن، ناھىيەدىكى پۇتبول كوماندىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، دوستلۇق مۇسابىقىسى ئورۇنلاشتۇرساق، بالىلارنىڭ تەجرىبە يەكۈنلىشىگە ئوبدان پۇرسەت بولىدۇ.

  ئابدۇبەسىر باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 4 – يىللىقىدا ئوقۇيتتى. ئۇ پۇتبول ئويناشقا ئالاھىدە قىزىققاچقا، پۇتبول كوماندىسىغا قاتناشقانلىقىدىن تولىمۇ خۇشال بولغانىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: تىرېنېرىمىز بىزگە پۇتبولنى قانداق ئويناشنى، دوستلىرىمىز بىلەن قانداق ئەپ ئۆتۈشنى ئۆگەتتى، دوستلىرىم بىلەن بىللە كوماندىدا توپ ئوينىيالىغانلىقىمدىن بەك خۇشال بولدۇم.

  خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى لۇ لىئەي مۇنداق دېدى: پۇتبول كوماندىسىنى قۇرۇشتا يېزىلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قوللاپ – قۇۋۋەتلىشىگە ئېرىشتۇق. پۇتبول كوماندىسى كەنتتىكى ھەر مىللەت بالىلىرىنى زىچ ئۇيۇشتۇردى. خىزمەت گۇرۇپپىمىزدىكى ئون كادىر 300 يۈەندىن چىقىرىپ، كوماندا ئەزالىرىغا پۇتبول كىيىمى ۋە كېرەكلىك بۇيۇملارنى سېتىۋېلىشنى ئويلاشتۇق. بۇ پۇتبول كوماندىسىنىڭ بالىلارنىڭ دوستلۇق باغچىسىغا ئايلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر