باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مىسىردىكى تەكشۈرۈش پونكىتى ھۇجۇمغا ئۇچراپ 19 ئادەم قازا قىلدى

2015.04.03 15:39         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مىسىر بىخەتەرلىك ئورگىنىدىكى مەلۇم بىر ئەمەلدارنىڭ 2-ئاپرېل ئاشكارلىشىچە، مىسىر سىناي يېرىم ئارىلىنىڭ شىمالىدىكى ئىككى ھەربىي ئىشلار تەكشۈرۈش پونكىتى قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ئاز دېگەندىمۇ 19 ئادەم قازا قىلغان، 17 ئادەم يارىلانغان.

  مەزكور ئەمەلدار يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سالاھىيىتى ئېنىق بولمىغان بىر توپ قوراللىق ئۇنسۇر سىناي يېرىم ئارىلىنىڭ شىمالىدىكى شەيخ ۋادې شەھىرى (Sheikh Wade City) نىڭ ئەتراپىدىكى ئىككى ھەربىي ئىشلار تەكشۈرۈش پونكىتىغا راكېتا ۋە باشقا قوراللار بىلەن ھۇجۇم قىلدى ھەمدە مىسىر ئارمىيەسى بىلەن ئېتىشتى.

  مىسىر ئارمىيەسى كەينىدىن مەزكۇر رايوندىكى ئىككى مۇھىم شەھەر شەيىخ ۋادې شەھىرى بىلەن ئەل ئارىش شەھىرى (ElArish) ئارىسىدىكى يوللارنى قامال قىلدى. خەۋەردە دېيىلىشىچە، ھازىرغا قەدەر تېخى بىرەر تەشكىلات بۇ قېتىملىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى ئۆزلىرىنىڭ كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ياكى مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى جاكارلىمىغان.

  2013-يىلى 7-ئايدا مىسىر ئارمىيەسى ئەينى ۋاقىتتىكى زۇڭتۇڭ مۇرسىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئېلىپ تاشلىغاندىن بۇيان، مىسىر دۆلەت ئىچى بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى بارغانسېرى كەسكىنلەشكەن. رادىكال قوراللىق ئۇنسۇرلار غەربى سىناي رايونىنى ئاساسلىق بارگاھ قىلىپ كۆپ قېتىم ئارمىيە-ساقچى، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى نىشان قىلىپ ھۇجۇم قوزغاپ، ھازىرغا قەدەر 500 دىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلغان. ئىگىلىنىشىچە، رادىكال قوراللىق تەشكىلات بولغان « ئېرۇسالىم قوللىغۇچىلىرى » تەشكىلاتى ئۆزلىرىنىڭ نۇرغۇن قېتىم قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى جاكارلىغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر