باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىراق ئارمىيەسى «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» ئەسەبىي تەشكىلاتى ئىگىلىۋالغان ئىككى شەھەر بازارنى قايتۇرۇۋالدى

2014.10.27 15:28         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىراق ئارمىيەسى 25- ئۆكتەبىر مۇنداق دېدى: ئىراق بىخەتەرلىك قىسىمى بىلەن كۇرد قۇراللىق قىسىملىرى شۇ كۈنى ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي كۈچلىرى ئىگىلىۋالغان ئىككى شەھەر بازارنى قايتۇرۇۋالدى. ئىراق بىخەتەرلىك قىسىمىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر ئەربابى مۇنداق دېدى: ئىراقنىڭ ئوتتۇرا قىسىم رايونىدا، ئىراق بىخەتەرلىك قىسىملىرى ئىراق ھاۋا ئارمىيەسى بىلەن شىئە مەزھىپىدىكى ئالتە مىڭ خەلق ئەسكىرىنىڭ ياردەم بېرىشى ئارقىسىدا ئالتە سائەت شىددەتلىك جەڭ قىلىش ئارقىلىق، ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتى قۇراللىق كۈچلىرىنىڭ قولىدىن پايتەخت باغدادنىڭ جەنۇبىغا تەخمىنەن 60 كىلومېتىر كېلىدىغان جۇپسەخىر بازىرىنى قايتۇرۇۋالدى. بۇ خەۋەردار ئەرباب مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» ئەسەبىي تەشكىلاتى قۇراللىق ئۇنسۇرلىرى بۇ بازاردىن قوغلاپ چىقىرىلدى. بىخەتەرلىك قىسىمى بىلەن خەلق ئەسكەرلىرى بازاردىكى پارتلىتىش ئۈسكىنىلىرىنى تازىلىماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر