باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيەپەرەس ئۆكتىچىلەر ئۇكرائىنا دونېچىك ئىشتاتىنىڭ رادىيو-تېلېۋېزىيە بىناسىنى ئىگىلىۋالدى

2014.04.28 16:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئاپرېل كيېۋدىن بەرگەن خەۋىرى: 27-چېسلا چۈشتىن كېيىن ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى دونېچىك شەھىرىدە نەچچە يۈزلىگەن رۇسىيەپەرەس ئۆكتىچىلەر ئىشتاتلىق رادىيو-تېلېۋىزىيە شىركىتىنىڭ بىناسىغا ھۇجۇم قىلىپ ئىگىلىۋالدى.

  ئۇكرائىنا خەلقئارا ئىنتېرفاكس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۆكتىچىلەر دەرۋازىنى بۇزۇپ تاشلاپ رادىيو-تېلېۋېزىيە شىركىتىنىڭ بىناسىغا بۆسۈپ كىرگەن. بىناغا قاراۋاتقان 30 چە ساقچى كۆز ئالدىدا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەگە ئارىلىشىشقا پېتىنالمىغان.

  500 نەچچە ئۆكتىچى بىنا ئالدىدا «سىلاۋىيانىسكىي ‐‐ باتۇرلار شەھىرى!»، «كيېۋ ھۆكۈمىتى دونېچىك شەھىرىنى باشقۇرالمايدۇ!» ۋە «رۇسىيە!» دەپ شۇئار توۋلىغان ھەمدە بەزىلىرى بىنا ئۈستىگە «دونېچىك خەلق جۇمھۇرىيىتى»نىڭ بايرىقىنى قادىغان. ئۆتىچىلەر يەنە ئۇكرائىنا تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ پىروگرامىلىرىنى توختىتىپ، رۇسىيە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ پىروگرامىلىرىنى قويۇشنى تەلەپ قىلغان. (مۇخبىر جاڭ جېچياڭ خەۋىرى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر