- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
كىم جۇڭئۇن ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىغا يېتەكچىلىك قىلدى
2014.04.29 15:41 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
چاۋشيەن مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ 27-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جۇڭئۇن چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيىسى مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىغا يېتەكچىلىك قىلغاندا، خەلق ئارمىيىسىنى سىياسىي ئىدىيە ۋە ھەربىي ئىشلار تېخنىكىسى جەھەتتە يەنىمۇ مەشىقلەندۈرۈشنى تەلەپ قىلغان. يىغىندا يەنە تەشكىلىي مەسىلە مۇزاكىرە قىلىنغان.
خەۋەردە مۇنداق دېيىلىدۇ: كىم جۇڭئۇن خەلق ئارمىيىسىنى كۈچەيتىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتىكى مۇھىم ۋەزىپە ۋە تەدبىرلەرنى ئوتتۇرغا قويغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: خەلق ئارمىيىسىنى سىياسىي ئىدىيىۋى ۋە ھەربىي ئىشلار تېخنىكىسى جەھەتتە يەنىمۇ مەشىقلەندۈرۈش-دەۋر ۋە ئىنقىلابىي تەرەققىياتنىڭ تەلىپى، چاۋشيەن ئىنقىلابىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىشنىڭ تۈپ كاپالىتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر