باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بان كىمون ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تېزدىن تاقابىل تۇرۇشىنى مۇراجىئەت قىلدى

2014.04.15 09:43         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمون 13-ئاپرېل باياناتچىسى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ھۆكۈمەتلەر ئارا كىلىمات ئۆزگىرىشى مەخسۇس كومىتېتى 3-خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ شۇ كۈنى ئېلان قىلغان كىلىمات ئۆزگىرىشىنى قانداق قىلىپ ياخشىلاش توغرىسىدىكى دوكلاتىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ھەمدە ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ تېز ھەم دادىللىق بىلەن ھەرىكەت قوللىنىپ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

  باياناتدا مۇنداق دېيىلدى: بان كىمون بارلىق دۆلەتلەرنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشدا تېزدىن دادىللىق بىلەن ھەرىكەت قوللىنىپ، بۇ يىل 9-ئاينىڭ 23-كۈنى ئىچىلىدىغان كىلىمات ئۆزگىرىشى باشلىقلار يىغىنىغا جۇشقۇن خىتابنامە ۋە ھەرىكەتلىرىنى ئىلىپ كېلىپ، 2015-يىلى قانۇنى جەھەتتىن چەكلەش خاراكتېرىگە ئىگە بولغان يەر شارى بويىچە تاقابىل تۇرۇش كېلىشىمىنى ھاسىل قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر