باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سۈرىيەدىكى ئاساسلىق ئۆكتىچى گۇرۇھلار رەھبەرلىك قاتلىمىنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەشنى مەسلىھەتلىشىۋاتىدۇ(1)

2012.11.12 14:01        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۈرىيەدىكى ئاساسلىق ئۆكتىچى گۇرۇھ «سۈرىيە مەملىكەتلىك كومىتېتى» رەھبەرلىك قاتلىمىنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەش رەسمىي يىغىنى 9-نويابىر كەچتە قاتارنىڭ پايتەختى دەۋھەدە ئاياغلاشتى، جورجى سابلا مەزكۇر كومىتېتنىڭ 3-نۆۋەتلىك رەئىسلىكىگە سايلاندى.

  «سۈرىيە مەملىكەتلىك كومىتېتى» شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سايلام ئارقىلىق 11 كىشىدىن تەشكىللەنگەن يېڭى ئىجرائىيە بىيۇروسىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈردى، يېڭىدىن سايلانغان رەئىس جورجى سابلا ۋە سابىق رەئىس ئابدۇللا سابىت سىدا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىجرائىيە بىيۇروسىنىڭ ئەزالىقىغا سايلاندى. «سۈرىيە مەملىكەتلىك كومىتېتى» 8-نويابىر 41 كىشىدىن تەشكىللەنگەن كاتىبات باشقارمىسىنى سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلتۈردى. «سۈرىيە مەملىكەتلىك كومىتېتى» 6-نويابىر ئۆزگەرتىپ تەشكىللەش يىغىنى ئاچقان، ئەسلىدىكى پىلان بويىچە يىغىن 7-نويابىر ئاياغلىشىپ سايلام نەتىجىسى ئېلان قىلىناتتى، تېخنىكا ۋە سان تەقسىماتى مەسىلىسى سەۋەبلىك يىغىن مۇددىتى كەينىگە سۈرۈلدى.

  «سۈرىيە مەملىكەتلىك كومىتېتى» 8-نويابىر چۈشتىن كېيىن ئامېرىكا، قاتار، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەر شۇنداقلا ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ قاتنىشىشى ئاستىدا، باشقا ئۆكتىچى گۇرۇھلار بىلەن رەھبەرلىك قاتلىمىنى بىرلەشتۈرۈش، ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت قۇرۇش قاتارلىق ئىشلار ئۈستىدە مەسلىھەتلەشتى، نۆۋەتتە ھەرقايسى تەرەپ داۋاملىق مەسلىھەتلىشىۋاتىدۇ.

  جورجى سابلا بۇ يىل 56 ياش، كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئۇ 1970-يىلى سۈرىيە كومپارتىيەسىگە كىرگەن، 1985-يىلى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان، 1987-يىلى قولغا ئېلىنىپ 8 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. سابلا سايلانغاندىن كېيىن سۆز قىلدى، ئۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تەدبىر قوللىنىپ سۈرىيەدىكى قانلىق ۋەقەلەرنى توسىشىنى، سۈرىيەدىكى بارلىق ئۆكتىچى گۇرۇھلارنىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، باشار ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە