باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

خەلقئارا جەمئىيەت جۇڭگونىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتىغا ئىجابىي باھا بەردى(1)

2012.11.12 13:57        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلقئارا جەمئىيەت جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 18-قۇرۇلتىيىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەرمەكتە، نۇرغۇن دۆلەتلەردىكى مۇتەخەسسىس، ئالىم، سىياسىي ساھەدىكىلەر ۋە تاراتقۇ ئەربابلىرى، جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلەر ۋە جۇڭگوغا دوست ئەربابلار مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: جۇڭگونىڭ ئىلغار مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ۋە تاراتقۇ ئىقتىدارى ئۆتكەن ئون يىلدا ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى، جۇڭگو سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتتە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشتا ئىجابىي ئۈنۈمگە ئېرىشتى دېدى.

  ھىندونوزىيە خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى خەنزۇ تىلى فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى راخجەندى مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ مەدەنىيەت تارقىتىش ئىقتىدارى 10 يىلدىن بۇيان كۆرۈنەرلىك ئاشتى، بۇ جۇڭگونىڭ ئوبرازىنى ئۈنۈملۈك يۇقىرى كۆتۈردى، جۇڭگو مەدەنىيىتىنىڭ دۇنيادىكى تەسىرى كۈچىنى كۈنسېرى ئاشۇردى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو مەدەنىيىتىنى تارقىتىش پائالىيەتلىرى ھىندونوزىيەدە كۆپلەپ ئۆتكۈزۈلىدىغان بولدى، ئالايلۇق جۇڭگونى ھېس قىلىش ھىندونوزىيە سەپىرى، جۇڭگو رەسىم كۆرگەزمىسى قاتارلىقلار، ھىندونوزىيە ئاھالىلىرى بۇ پائالىيەتلەر ئارقىلىق تېخىمۇ تەرەققىي قىلغان جۇڭگونى چۈشەندى، بۇ ئىككى دۆلەت خەلقى ئارىسىدىكى ئالاقە ۋە چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىدى، خەنزۇ تىلىنى تارقىتىش جەھەتتە جۇڭگو ھەر يىلى پىدائىي ئوقۇتقۇچىلارنى ھىندونوزىيەگە ئەۋەتىپ، جۇڭگو مەدەنىيىتىنىڭ ھىندونوزىيەدىكى تەسىرى كۈچىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى.

  مىسىرلىق داڭلىق تەرجىمان، شامۇس ئۇنىۋېرسىتېتى خەنزۇ تىلى فاكۇلتېتىنىڭ پىروفېسسورى فارجان مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو مەدەنىيىتى چوڭقۇر مەنىگە ئىگە، بۇ ھازىرقى زاماندىكى جۇڭگونىڭ مەدەنىيەت كەسپىي تەرەققىياتىغا پۇختا ئاساس سېلىپ بەردى، ئۆتكەن ئون يىل ئىچىدە جۇڭگونىڭ مەدەنىيەت كەسپى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك نۇرغۇن نەتىجىلەر قولغا كەلدى، بۇ ۋەزىيەت مۇقەررەر داۋاملىشىدۇ.

  بېلگىيە گېنت ئۇنىۋېرسىتېتى جۇڭگو تىل مەدەنىيىتى فاكۇلتېتىنىڭ پىروفېسسورى بادشىن مۇنداق دەپ قارىدى: مەدەنىيەت تارقىتىش ئاستا جەريان، ئۆتكەن 10 يىلدا جۇڭگو ھۆكۈمىتى، كارخانا ساھەسى، مەدەنىيەت ساھەسى مەدەنىيەت كەسپىنى خەلق ئىگىلىگىدىكى تۈۋرۈكلۈك كەسىپكە ئايلاندۇرۇشنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈردى، بۈگۈنكى كۈندە جۇڭگودا كىنو، ھېكايە قاتارلىق مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى كۆپلەپ غەربلىكلەر ئارىسىغا كىرىۋاتىدۇ، جۇڭگولۇق يازغۇچى مويەننىڭ بۇ يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشىشىمۇ جۇڭگونىڭ مەدەنىيەت تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇشتا تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.

  موڭغۇلىيەدىكى ئاتاقلىق كىنو تېلېۋىزىيە ئوبزورچىسى دورگى مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگونىڭ مەدەنىيەت بايلىقى ئىنتايىن مول بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە تارقىتىش جەھەتتە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە