مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئادۋوكاتلار لېكسىيە ئۆمىكى ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنى «ئونغا كىرگۈزۈش» تەشۋىقات پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى

2020.06.28 17:21 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى سۈي يۈنيەن خەۋەر قىلىدۇ: 6 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتى «ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى لايىھە» ئۇقتۇرۇشىنى بېسىپ تارقىتىپ، ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى ئادۋوكاتلار لېكسىيە ئۆمىكى تەشكىللەپ، ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنى «ئونغا كىرگۈزۈش» تەشۋىقات پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

  ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى «جەمئىيەت تۇرمۇشىنىڭ قامۇسى» دەپ تەرىپلىنىدىغان بولۇپ، ئۇ، جۇڭگو قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى ۋە جەمئىيەت مەدەنىيلىك تەرەققىياتىنىڭ ئابىدىسى. شىنجاڭ ئادۋوكاتلار جەمئىيىتى، ھەرقايسى ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)لىك ئادۋوكاتلار جەمئىيەتلىرى ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى ئادۋوكاتلار لېكسىيە ئۆمىكى تەشكىللەپ، ئادۋوكاتلارنىڭ كەسپىي ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنىڭ سىستېمىسى، ئالاھىدىلىكى، يېڭى بەلگىلىمىسى ۋە ئۇنىڭ مۇھىم ئىجتىمائىي ئەھمىيىتىنى چۆرىدەپ، تور ۋە تور سىرتىنى بىرلەشتۈرۈپ، سىستېمىلاشقان، دائىملاشقان ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى بويىچە قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقاتى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىدۇ، جانلىق، قىزىقارلىق قىلىپ، ئاممىباب تىلدا چۈشىنىشلىك تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق، ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىدىكى ھوقۇق - مەنپەئەت ئېڭى، قائىدە ئېڭى، سەمىمىيەت ئېڭى، ئىناقلىق ئېڭى جەمئىيەتتىكى ئاممىنىڭ تۈرلۈك ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشىدىكى مىزانىغا ئايلاندۇرۇلىدۇ.

  «لايىھە»دىكى تەلەپكە ئاساسەن، شىنجاڭ ئادۋوكاتلار جەمئىيىتى ۋە ھەرقايسى ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)لىك ئادۋوكاتلار جەمئىيەتلىرى كەڭ ئادۋوكاتلارنى «تور + تور سىرتى» «مەركەزلىك ئۆگىنىش + ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش»تىن ئىبارەت ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىشنى قانۇن مۇلازىمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرىدۇ، يۇغۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كەڭ ئادۋوكاتلارنى جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەلەرگە يۈزلىنىپ ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنى ئورگانلارغا كىرگۈزۈش، مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش، يېزىلارغا كىرگۈزۈش، مەھەللىلەرگە كىرگۈزۈش، كارخانىلارغا كىرگۈزۈش، تورغا كىرگۈزۈش، ئاممىۋى قاتناش سورۇنلىرىغا كىرگۈزۈش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇشقا ئومۇميۈزلۈك تەشكىللەپ، سەپەرۋەر قىلىپ، ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى تەشۋىقاتىنى كۆپ تەرەپتىن ئالغا سىلجىتىدۇ.

  بۇنىڭدىن باشقا، ھۆكۈمەت قانۇن مەسلىھەتچىسى، ھۆكۈمەت ئادۋوكاتى، شىركەت ئادۋوكاتى، كەنت (ئاھالىلەر كومىتېتى) قانۇن مەسلىھەتچىسى قاتارلىقلارنى ئۈستىگە ئالغان ئادۋوكاتلار كەسپىي رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ «قانۇنچىللىق جەھەتتىن سالامەتلىك تەكشۈرۈش»نى قانات يايدۇرۇپ، تىجارەت خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، تۈگىتىپ، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇشىغا كۈچ قوشىدۇ ھەم ئادۋوكاتلارنىڭ مۇرەسسە قىلىش خىزمەت سالمىقى قاتارلىقلارنى زورايتىپ، ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك، ئۈنۈملۈك ئىجرا قىلىنىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ