شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جېڭ يىيۈەن، ئىختىيارىي مۇخبىر مېڭ لىڭيىڭ
دۇەنۋۇلۇق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى شاۋ شىجۈن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن جەم بولغاندىن سىرت، دەم ئېلىش مەزگىلىدىن پايدىلىنىپ بەدەن چېنىقتۇرۇشنى ئۈمىد قىلدى. 6 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، ئۇ ناشتا قىلىپ بولۇپلا لىيۈشەن باغچىسىغا كېلىپ، يان تېلېفونىدىكى تەنھەرىكەت يۇمشاق دېتالىنى ئېچىپلا يۈگۈرۈشنى باشلىدى. يۈگۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ خاتىرىنى تەكشۈرۈۋىدى، جەمئىي 11 كىلومېتىر چىقتى. ئۇ تەرىنى سۈرتۈپ، رازىمەنلىك بىلەن كۈلۈمسىرىدى.
ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەرقايسى چوڭ باغچىلاردا سەيلە قىلىۋاتقانلار، چېنىقىدىغانلار ناھايىتى كۆپ ئىدى. خەلق باغچىسىنىڭ ئىشىكىدىن كىرگەن جايدىكى تىكتاك توپ ئۈستىلىنىڭ يېنىدا، دائىم كېلىپ تىكتاك توپ ئوينايدىغان يې شياڭشۈن خۇشال ھالدا مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: «دەم ئېلىش كۈنلىرىدىن پايدىلىنىپ، سىرتقا چىقىپ تىكتاك توپ ئويناپ، دوستلار بىلەن ئۇچرىشىپ، كۆڭلىمىز تېخىمۇ ئازادە بولۇپ قالدى».
بۇ ئىككى كۈندە، يامالىق تېغىغا يانداش ياڭجۈن پەي توپ كۇلۇبىنىڭ يۇنىكېس باش تېما سارىيىدا، توپ ئويناپ چېنىقىدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس ئىدى. بۇ ساراينىڭ كەسپىي دىرېكتورى يۈەن يۆ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «نۇرغۇن كىشى دەم ئېلىش مەزگىلى باشلىنىشتىن بۇرۇنلا مەيداننى ئالدىن كېلىشىپ قويغان».
6 - ئاينىڭ 25 -كۈنى سائەت 10دا، شىنجاڭ تارىمنى ئايلىنىش ئاپتوموبىل - موتوسىكلىت تەنھەرىكىتى كۇلۇبى (چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى)نىڭ باش مۇدىرى سۇ خاۋبو ۋە بەش نەپەر موتوسىكلىت مەستانىسى موتوسىكلىت ھەيدەپ قۇربانتوڭغۇت قۇملۇقىغا كەلدى. قۇملۇقتا، ئۇلار ھەيدىگەن دالا موتوسىكلىتى كىرىچتىن ئايرىلغان يا ئوقىدەك، يىراقلارغا ئېتىلدى. «بەك پەيزى ئىكەن، ئىچكىرىدىكى ئاپتوموبىل ھەۋەسكارلىرى شىنجاڭغا كېلىپ ئوينىسا، بۇ يەرنىڭ بىپايان تۇپرىقىنى كۆرۈپ باقسا بولغۇدەك.» سۇ خاۋبو ئىچكىرىدىكى ئاپتوموبىل ھەۋەسكارلىرىنى تەكلىپ قىلدى.
دۇەنۋۇلۇق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مارافونچە يۈگۈرۈش جەمئىيىتى بىڭتۇەن 12 - شىسى مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى بىلەن بىرلىشىپ، «جەلپكار 12 - شى . ساغلام يېڭى تۇرمۇش» تۇدۇڭخابا بويى يېرىم مۇساپىلىك مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مارافونچە يۈگۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى جاڭ جيەن مۇنداق بىلدۈردى: دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، تەنھەرىكەتنىڭ كۆپچىلىكنىڭ دەم ئېلىش مەزگىلىگە خۇشاللىق ئاتا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.