مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يەر يۈزىدىن، «بۇلۇت»تىن تەڭ كۈچەپ، زەھەرنى رەت قىلىش مۇداپىئە لىنىيەسىنى پۇختا قۇرۇش

2020.06.28 17:17 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  − ئاپتونوم رايونىمىز زەھەر چەكلەش تەشۋىقات خىزمىتىنى كەڭ قانات يايدۇردى

  پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىمىز سۈي يۈنيەن

  «ساغلام كىشىلىك ھايات يېشىل، زەھەرسىز.» زەھەر چەكلەش خىزمىتى دۆلەتنىڭ ئامانلىقى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ياكى خارابلىشىشى، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىگە مۇناسىۋەتلىك. بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز زەھەر چەكلەش تەشۋىقات پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، بارغانسېرى كۆپ كىشىلەرگە زەھەرنىڭ ئەپت - بەشىرىسىنى ئېنىق تونۇتۇپ، ھەقىقىي تۈردە كەڭ ئاممىنىڭ زەھەرنى تونۇش، زەھەردىن مۇداپىئەلىنىش، زەھەرنى رەت قىلىش ئېڭى ۋە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ زەھەر چەكلەش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، زەھەرنى رەت قىلىش مۇداپىئە لىنىيەسىنى پۇختا قۇردى.

  «شىنجاڭنىڭ زەھەر چەكلىشى» دىققەتنى تارتتى، «فېنسىلارنى جەلپ قىلىش كۈچى» كۈچلۈك بولدى

  «بىز سىز ئۈچۈن زاكاز قىلغان ئالىي يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت كەلدى، مىڭ گىرادۇسلۇق ھەقىقىي ئوتتا تاۋلاپ سوقۇلغان ساپ پولات بىلەزۈكتىن بىرى بار، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان چىراغ نۇرى ۋە يېقىملىق BGM بىلەن بىللە، ساقچى ئاپتوموبىلى بىخەتەر ئاپىرىش - ئەكېلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ، چېچىڭىزنى بىر قېتىم مودا پاسوندا ھەقسىز ياساپ قويىمىز ھەم يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى چوڭ باش سۈرىتىدىن ئۈچنى سوۋغا قىلىمىز، ھەشەمەتلىك يالغۇز كىشىلىك ياتاقتا تۇرىسىز، ھېچكىم دەخلى قىلمايدۇ. لېكىن بىز سىزنى قارشى ئالمايمىز، چۈنكى بىز زەھەر چەكلەش خەلق ساقچىلىرى!»

  بۇ، «شىنجاڭنىڭ زەھەر چەكلىشى» دوۋيىن نومۇرىدا 6 - ئاينىڭ 19 - كۈنى ئېلان قىلىنغان كىچىك سىن بولۇپ، فېنسىلار بەس - بەستە سۆز قالدۇردى: «ھۆكۈمەت تەرەپ تورى بارغانسېرى كۆزنى قاماشتۇرىدىغان، قالتىس بولۇپ كېتىۋاتىدۇ!» 6 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تورغا چىقىرىلغاندىن باشلاپ 6 - ئاينىڭ 24 - كۈنىگىچە، «شىنجاڭنىڭ زەھەر چەكلىشى» دوۋيىن نومۇرى 234 مىڭ فېنسىنى جەلپ قىلغان بولۇپ، ياشلار ئازادىلىك ھېس قىلدۇرىدىغان، يۇمۇرلۇق سىننى كۆرۈش جەريانىدا زەھەر چەكلەش ئىدىيەسى ۋە بىلىملىرىنى قوبۇل قىلغان.

  «شىنجاڭنىڭ زەھەر چەكلىشى» ھەرگىزمۇ «يالغۇز» ئەمەس، بۇ بىر يېڭى تاراتقۇ سېپى بولۇپ، دوۋيىن نومۇرىدىن باشقا، يەنە ئوخشاش نامدىكى ئۈندىدار ئاممىۋى نومۇرى، مىكرو سىن نومۇرى، سىن نومۇرى، بۈگۈنكى باش خەۋەر نومۇرى، مىكرو بىلوگ قاتارلىقلار بار. ئاپتونوم رايونلۇق زەھەر چەكلەش كومىتېتىغا ئەزا 36 ئورۇننىڭ يېڭى تاراتقۇ سۇپىلىرىمۇ تەشۋىقات كۈچلىرى بولۇپ، ھەرقايسى سۇپىلار بىرلىكتە كۈچەپ، مۇھىم مەزمۇنلارنى ئەمەلىي ۋاقىت بويىچە كۆچۈرۈپ تارقىتىپ، «شىنجاڭنىڭ زەھەر چەكلەش يۇغۇرما تاراتقۇسى»نى شەكىللەندۈردى.

  «<شىنجاڭنىڭ زەھەر چەكلىشى> ئۈندىدار سۇپىسىنىڭ بۇ يىل 3 - ئايدا 300 مىڭدىن ئارتۇق فېنسىسى بار ئىدى، ھازىر 800 مىڭدىن ئېشىپ، بىر ھەسسىدىن ئارتۇق قاتلاندى.» 6 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى زەھەر چەكلەش باش ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باش ئەترەت باشلىقى دوۋ شياۋۋېن مۇنداق دېدى: بۇ يىلقى زەھەر چەكلەش تەشۋىقاتى يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىدى، گەرچە چوڭ تىپتىكى پائالىيەتلەرنى مەركەزلىك ئېلىپ بارغىلى بولمىسىمۇ، لېكىن توردىكى تەشۋىقات يوللىرى كېڭەيتىلدى، تەشۋىقات ئاساسىي مەقسىتى ئۆزگەرمىدى، تەشۋىقات سالمىقى كېمەيمىدى، قاپلاش دائىرىسى تېخىمۇ كەڭ، تەسىر كۈچى تېخىمۇ زور بولدى.

  بۇ يىل 5 - ئايدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق زەھەر چەكلەش كومىتېتى بەش قېتىم توردا زەھەر چەكلەش بىلىملىرى بويىچە مۇكاپاتلىق جاۋاب بېرىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، قاتناشقان ئادەم سانى 2 مىليوندىن ئاشتى، بۇ غايەت زور فېنسى ئاساسىدىن ئايرىلالمايدۇ.

  «ئاممىغا يېقىن» ۋە «قالتىس» بولۇشنىڭ بىرىمۇ كەم بولسا بولمايدۇ

  6 - ئاينىڭ 23 - كۈنى كەچتە، دۆربىلجىن ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى زەھەر چەكلەش چوڭ ئەترىتى ھەرقايسى ساقچى تۈرلىرى بىلەن بىرلىشىپ كەچلىك بازاردا زەھەر چەكلەش تەشۋىقات پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. بۇ قېتىم خەلق ساقچىلىرى مۇزىكا كۈچىدىن پايدىلىنىپ زەھەر چەكلەش ساداسىنى يەتكۈزۈشنى تاللىدى.

  خەلق ساقچىلىرى شۇ جايدىكى توردا ئالقىشلانغان ناخشىچىلارنى ھەمدەم بولۇپ زەھەر چەكلەش ناخشىلىرىنى ئېيتىشقا تەكلىپ قىلىپ، نۇرغۇنلىغان ئاممىنى چۆرىدەپ كۆرۈشكە جەلپ قىلدى. خەلق ساقچىلىرى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ زەھەر چەكلەش بىلىملىرى بويىچە ھەمتۈرتكىلىك مۇكاپاتلىق سوئالغا جاۋاب بېرىش، يېڭى تىپتىكى زەھەر مودېلىنى كۆرگەزمە قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزدى، چۆرىدەپ كۆرۈۋاتقان ئامما ئاكتىپ قاتنىشىپلا قالماي، يەنە سىن، سۈرەتلەرنى تارتىپ دوستلار چەمبىرىكىدە كەڭ تارقىتىپ، يېڭى تەشۋىقات كۈچىنى مۇجەسسەملىدى.

  «پەقەت زەھەر چەكلەش تەشۋىقاتىنى <ئاممىغا يېقىنلاشتۇرۇش>نى ئىشقا ئاشۇرغاندىلا، ئاندىن زەھەر چەكلەش بىلىملىرىنى كىشىلەر قەلبىگە سىڭدۈرگىلى بولىدۇ.» دوۋ شياۋۋېن مۇنداق دېدى: زەھەر چەكلەش تەشۋىقاتىدا ۋاسىتە ۋە شەكىلدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىش كېرەك، بۇنىڭدىكى مەقسەت «ساغلام كىشىلىك ھايات يېشىل، زەھەرسىز» دېگەن ئىدىيەنى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇشتىن ئىبارەت.

  مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق زەھەر چەكلەش كومىتېتى زەھەر چەكلەش باش تېمىسىدىكى ھۆسنخەت، رەسىم، فوتو سۈرەت، ئوقۇغۇچىلار قول يازما گېزىتلىرىنى يىغىپ باھالاش، «شىنجاڭنىڭ زەھەر چەكلىشى» كارتون پېرسوناژلىرىنى يىغىش ۋە «شىنجاڭنىڭ زەھەر چەكلىشى ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئەلچىسى» «شىنجاڭنىڭ زەھەر چەكلىشى ئوبراز ئەلچىسى» ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئوبراز تەشۋىقاتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، تەشۋىقاتنىڭ مەدەنىيەت ماھىيەتلىك مەزمۇنى ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرگەن، يەنە بىر تۈركۈم زەھەر چەكلەش ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرىنى تەييارلاپ ئومۇملاشتۇرغان.

  دوۋ شياۋۋېن مۇنداق دېدى: «ئاممىغا يېقىن» تەشۋىقات كەم بولسا بولمايدۇ، «قالتىس» پائالىيەتلەرمۇ كەم بولسا بولمايدۇ. بۇ يىل، ئاپتونوم رايونلۇق زەھەر چەكلەش كومىتېتى «ئون ياخشى زەھەر چەكلەش خەلق ساقچىسى» «ئون ياخشى زەھەر چەكلەش خىزمەتچىسى» ۋە «ئەڭ گۈزەل زەھەر چەكلىگۈچى»نى باھالاش، تەقدىرلەش پائالىيىتىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، زەھەر چەكلەش قەھرىمانلىرىنى مەدھىيەلەش، زەھەر چەكلەش ئىدىيەسىنى ئەۋج ئالدۇرۇش ئارقىلىق، پۈتۈن جەمئىيەت زەھەر چەكلەش خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان، قوللايدىغان، قاتنىشىدىغان قويۇق كەيپىيات ياراتتى.

  زەھەرنى توسۇشتا بالىلارنىڭ بىر جۈپ ئۆتكۈر كۆزىدىن پايدىلىنىلدى

  يېقىندا ئاقسۇ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى زەھەر چەكلەش چوڭ ئەترىتى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك زەھەر چەكلەش ئىشخانىسى بىلەن بىرلىشىپ مەكتەپلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ زەھەر چەكلەش تەشۋىقات - تەربىيەسى پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. «ئېھتىياتچانلىق بىلەن دوست تۇتۇش، ئامانلىقى مۇرەككەپ بولغان سورۇنلارغا كىرمەسلىك، ناتونۇش كىشىلەر بىلەن ئاسانلىقچە گەپ قىلىشماسلىق، ناتونۇش كىشىلەر تەمىنلىگەن تاماكا، ئىچىملىك ھەم يېمەكلىكلەرنى قوبۇل قىلماسلىق...» زەھەرنىڭ خەۋپىنى چۈشەندۈرۈشتىن باشقا، خەلق ساقچىلىرى يەنە ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە زەھەرنى قانداق توسۇش كېرەكلىكىنى سۆزلىدى.

  ياشلار، ئۆسمۈرلەر فىزىئولوگىيەلىك، پىسخىكىلىق يېتىلىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان بولغاچقا، قىزىقىشى كۈچلۈك بولىدۇ، زەھەرنىڭ خەۋپلىك ئىكەنلىكى ۋە زەھەر چېكىشنىڭ قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىگە بولغان تونۇشى كەمچىل، ئاسانلا زەھەرگە، بولۇپمۇ يېڭى تىپتىكى زەھەرگە بولغان خاتا قاراشقا پېتىپ قالىدۇ. بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار «زەھەرسىز مەكتەپ»لەرنى پائال بەرپا قىلىپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە قارىتىلغان زەھەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئىلىم - پەنگە ھۆرمەت قىلىش، ئاڭلىق ھالدا زەھەرگە قارشى تۇرۇش ئېڭىنى ئىلگىرى سۈردى ۋە يېتىلدۈردى.

  ھەرقايسى جايلار ياشلار، ئۆسمۈرلەر، بولۇپمۇ مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە قارىتىلغان زەھەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەربىيەسى قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، زەھەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەربىيەسىنى مەكتەپكە كىرگۈزۈش، ئورۇنغا كىرگۈزۈش، ئائىلىگە كىرگۈزۈش، سورۇنغا كىرگۈزۈش، مەھەللىگە كىرگۈزۈش، يېزىلارغا كىرگۈزۈشنى ئالغا سىلجىتتى.

  مەكتەپ زەھەر چەكلەش تەشۋىقاتىنىڭ ئاساسىي بازىسى. ئاپتونوم رايونىمىز «ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى زەھەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەخسۇس تېمىلىق تەربىيە پىروگراممىسى»نى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 5 - يىللىقىدىن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 2 - يىللىقىغىچە زەھەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەربىيەسى ئوقۇتۇش پىلانى، پىروگراممىسى، دەرس سائىتى، ئوقۇتقۇچىلىرى، دەرسلىكلىرىدىن ئىبارەت «بەشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، زەھەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەربىيەسىنى پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مائارىپ خىزمىتى يىللىق پىلانىغا كىرگۈزدى.

  «چىڭجياۋ 2 - دەرسخانىسى»نىڭ چوڭقۇر ئەمەلىي قوللىنىلىشىغا ئەگىشىپ، زەھەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەربىيەسى بايلىق ئامبىرىنىڭ رولى تولۇق جارى قىلدۇرۇلدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ھەرقايسى جايلار ئەينى چاغدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، تور دەرسىنى ياخشى ئۆتۈش بىلەن بىللە، مائارىپ تارماقلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى مەكتەپ ۋە ئوقۇغۇچىلارنى تەشكىللەپ، «چىڭجياۋ 2 - دەرسخانىسى»غا تايىنىپ، كۆپ خىل شەكىلدىكى زەھەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەربىيەسى بېرىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغانىدى.

  دوۋ شياۋۋېن مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىل ئاپتونوم رايون زەھەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەربىيەسى بازىسى قۇرۇلۇشىغا داۋاملىق زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولىدۇ. «نۆۋەتتە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى زەھەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەربىيەسى بازىسىدىن 97سى قۇرۇلۇپ بولدى، 13ى قۇرۇلۇۋاتىدۇ.» ھەرقايسى جايلار يەنە پەن - تېخنىكا سارىيى، مەدەنىيەت سارىيى، ئۆسمۈرلەر سارىيى قاتارلىق سورۇنلاردىن تولۇق پايدىلىنىپ، زەھەر چەكلەش تەربىيەسى باغچىسى قۇرۇپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەر، ئوقۇغۇچىلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا تەشكىللەپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە قارىتىلغان زەھەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەربىيەسىنىڭ قاراتمىلىقى، ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى ئۆستۈرىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ