مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭ قانۇنشۇناسلىق جەمئىيىتىنىڭ 8- قېتىملىق ئەزالار قۇرۇلتىيى يېپىلدى

2020.06.28 17:14 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ۋاڭ جۈنجېڭ شىنجاڭ قانۇنشۇناسلىق جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقلىقىغا سايلاندى

  شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 6 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، شىنجاڭ قانۇنشۇناسلىق جەمئىيىتىنىڭ 8 - قېتىملىق ئەزالار قۇرۇلتىيى يېپىلدى. يىغىندا شىنجاڭ قانۇنشۇناسلىق جەمئىيىتى يېڭى بىر نۆۋەتلىك كېڭىشىنىڭ رەھبەرلىك ئاپپاراتى سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ جۈنجېڭ شىنجاڭ قانۇنشۇناسلىق جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقلىقىغا سايلاندى.

  ۋاڭ جۈنجېڭ سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: شىنجاڭ قانۇنشۇناسلىق جەمئىيىتىنىڭ 7 - قېتىملىق ئەزالار قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭ قانۇنشۇناسلىق جەمئىيىتى باشتىن - ئاخىر شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 2 -، 3 -، 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەزنىڭ پارتىيەنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق يولىدا مېڭىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئاممىۋى تەشكىلاتلار تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەڭ قانۇنشۇناسلىق، قانۇن خىزمەتچىلىرى بىلەن بىرلىكتە، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، قانۇنشۇناسلىق تەتقىقاتىنى گۈللەندۈرۈپ، قانۇنچىللىق ئەمەلىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىپ، تاشقى ئالاقىنى كېڭەيتىپ، قانۇنچىللىق ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش، شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش، سوتسىيالىستىك قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى.

  ۋاڭ جۈنجېڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: قانۇنشۇناسلىق جەمئىيىتىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەشتە مەسئۇلىيەت مۇھىم، زور، بۇرچ شەرەپلىك. بىز شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ خىزمەت چوڭ ۋەزىيىتىگە ئاڭلىق بويسۇنۇپ، مۇلازىمەت قىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، بايرىقىمىز روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىرادىنى ساقلاشتا تەۋرەنمەي، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەپ، بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشنى ئۆزگەرتمەي، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، ئۈزلۈكسىز كۈچەشتە بوشىشىپ قالماي، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا قوشۇننى كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىشتا بوشاڭلىق قىلماي، تېخىمۇ يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسى، تېخىمۇ يۇقىرى قاتلام، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە شىنجاڭ قانۇنشۇناسلىق جەمئىيىتى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، سىياسىيۋىلىك، ئىلغارلىق، ئاممىۋىلىقنى ساقلاپ ۋە كۈچەيتىپ، كەڭ قانۇنشۇناسلىق، قانۇن خىزمەتچىلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭدا يىلتىز تارتىپ، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈپ، شىنجاڭغا ئۆزىنى بېغىشلاپ، تىنچ - ئامان شىنجاڭ بەرپا قىلىش، قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇش مۇساپىسىدە يېڭى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى نەتىجىنى نامايان قىلىپ، شىنجاڭ قانۇنشۇناسلىق جەمئىيىتى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

  يىغىندا شىنجاڭ قانۇنشۇناسلىق جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقلىرى، دائىمىي ئىشلار كېڭەش ئەزالىرى سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلدى؛ شىنجاڭ قانۇنشۇناسلىق جەمئىيىتى 7 - نۆۋەتلىك كېڭىشىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار ماقۇللاندى.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن ۋاڭ مىڭشەن، باھارگۈل سەمەت، لى يۇڭجۈن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ