خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5- ئاينىڭ 6- كۈنى سائەت 18 دىن 51 مىنۇت ئۆتكەندە، شىنجاڭ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئۇلۇغچات ناھىيىسىدە 5.0 بال يەر تەۋرىدى، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 10 كىلومېتىر بولۇپ، ھازىرچە تالاپەت كۆرۈلگەنلىك ۋە مال-مۈلۈك زىيىنى توغرىسىدا دوكلات بېرىلمىدى.
مۇخبىرنىڭ ئالاقىدار تارماقلاردىن ئىگىلىشىچە، يەر تەۋرىگەندە، شۇ جايدا كۈچلۈك تەۋرەش سېزىمى بولمىغان. ئۇلۇغچات ناھىيىسى ۋە ئاتۇش شەھىرى قاتارلىق ناھىيە ۋە شەھەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش قۇتقۇزۇش تارماقلىرىدىن 13 ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى ۋە 63 ئادەم يىغىلىپ بۇيرۇق كۈتۈپ، يەر تەۋرەش مەركىزىدىكى ئۇلۇغچات ناھىيىسى جىغىن يېزىسىغا دېگەن ۋاقىتتا بېرىپ قۇتقۇزۇشقا تەييارلاندى.
يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، ئۇلۇغچات ناھىيىسى دەرھال ئادەم تەشكىللەپ زىيارەت قىلىپ، تالاپەت كۆرۈلگەنلىك ۋە مال-مۈلۈكنىڭ زىيانغا ئۇچراش ئەھۋالىنى تەكشۈردى، ھازىرچە ئالاقىدار دوكلات تاپشۇرۇپ ئېلىنمىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ