مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭدا 1-پەسىلدە ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش مەبلىغىدىن 6 مىليارد 511 مىليون يۈەن ئاجرىتىلدى

2020.04.27 18:18 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىل 1-پەسىلدە، شىنجاڭدا ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش مەبلىغىدىن جەمئىي 6 مىليارد 511 مىليون يۈەن ئاجرىتىلىپ، 5 مىليون 559 مىڭ 100 ئوقۇغۇچى (قېتىم) گە نەپ يەتكۈزۈلدى.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇم ئەھۋالى يۈز بەرگەندىن كېيىن، شىنجاڭ مائارىپ نازارىتى، مالىيە نازارىتى بىرلەشمە ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، جايلار، مەكتەپلەردىن يۇقۇم ئەھۋالى مەزگىلىدە ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، شۇ جايدىكى، شۇ مەكتەپتىكى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ سالامەتلىكى ۋە تۇرمۇشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، ئوقۇغۇچىلارغا جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ياردەم بېرىش سىياسىتىنى ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇپ، شەرتكە چۈشىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلتىماس قىلىشىغا مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلغان؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەنلەر، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغانلار، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بولغانلىقتىن ياردەم بېرىپ بېقىلىدىغانلار، مېيىپلەر قاتارلىق ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئائىلە ئوقۇغۇچىلىرىغا نۇقتىلىق كۆڭۈل بۆلۈنگەن. يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ۋاقتىدا ياردەم بەرگەن.

  بۇنىڭدىن باشقا، مەكتەپتە قالغان ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا، جايلار ۋە مەكتەپلەر دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئوقۇش ياردەم پۇلى قاتارلىق ياردەم مەبلىغىنى ۋاقتىدا تولۇق تارقىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم بەرگەن؛ ئوقۇش پۈتكۈزگەن ھەم قەرز قايتۇرۇش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان دۆلەت ئوقۇش ياردەم قەرزى ئالغان ئوقۇغۇچىلار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش مەزگىلىدە تەسىرگە ئۇچراپ، دىرى بىلەن ئۆسۈمىنى نورمال قايتۇرالمىسا، ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە قەرز قايتۇرۇش مۇددىتى مۇۋاپىق كېچىكتۈرۈلگەن.

  مائارىپ ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈرلۈك ياردەم بېرىش سىياسەتلىرىنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شىنجاڭدا ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىشنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاش مۇھىم نۇقتا قىلىنىپ، ياردەم بېرىش سىياسىتى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ھۆكۈمەت، جەمئىيەت، مەكتەپ قاتارلىق تۈرلۈك ياردەم بېرىش تۈرلىرى ۋە مەبلىغى بىر تۇتاش پىلانلىنىپ، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا «تولۇق ياردەم بېرىش»كە كاپالەتلىك قىلىنىپ، بىرمۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئائىلە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى تۈپەيلىدىن ئوقۇشسىز قېلىشىغا يول قويۇلمىغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ