مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تۆمۈريول تارماقلىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ يول يۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلدى

2020.04.02 17:54 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىمىز لۇ فېڭباۋنىڭ جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، يولۇچىلار ئېقىمىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تورىنى يەنىمۇ زىچلاشتۇرۇپ، كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ يولۇچىلارنىڭ يول يۈرۈش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىۋېتىپتۇ.

  3 - ئاينىڭ 31 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، مۇخبىر ئۈرۈمچى ۋوگزالىدا، يولۇچىلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىتىپ بولغاندىن كېيىن ۋوگزالغا تەرتىپلىك كىرىۋاتقانلىقىنى كۆردى. بېلەت سېتىش زالى، ۋوگزالغا كىرىش ئېغىزى، پويىز كۈتۈش زالى، بېلەت تەكشۈرۈش ئېغىزى قاتارلىق ئادەم ئېقىمى بىرقەدەر كۆپ رايونلاردا، خىزمەتچى خادىملار دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى چېچىۋاتاتتى، دېزىنفېكسىيەلەپ يۇيۇش ماشىنىسى بىلەن يەر يۈزىنى سۈرتۈۋاتاتتى.

  3 - ئاينىڭ 11 - كۈنىدىن باشلاپ شىنجاڭ تۆمۈريولىدا يولۇچىلار پويىزىنىڭ قاتنىشى ئەسلىگە كەلگەندىن بۇيان، ئۈرۈمچى ۋوگزالىدا يولۇچىلار ئېقىمى كۈنسېرى ئاشتى. ھازىر، جەنۇبىي، شىمالىي مەيدانىدىكى ۋۇگزالغا كىرىش يولىنىڭ ھەممىسى ئېچىۋېتىلدى ھەم خىزمەتچى خادىملار ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ يولۇچىلارنىڭ ۋوگزالغا تەرتىپلىك كىرىشىگە يېتەكچىلىك قىلىندى.

  ئۈرۈمچى ۋوگزالىنىڭ تازىلىق خىزمىتىگە مەسئۇل خادىمى تيەن جىشۇاڭ مۇنداق دېدى: تازىلىق خادىملىرى ھەر ئىككى سائەتتە بىر قېتىم پويىز كۈتۈش زالىدىكى تۈرلۈك ئەسلىھەلەرنى مەركەزلىك دېزىنفېكسىيەلەيدۇ، لىفىت، يۆلەنچۈك، تۇتقۇچ قاتارلىق قول تېگىشىدىغان جايلارنى ھەر ۋاقىت دېزىنفېكسىيەلەيدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، تازىلىق ئۆيىگە مەخسۇس ئادەم دىجورنىلىققا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئادەم كېتىشى بىلەنلا دېزىنفېكسىيە قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىندى. ھەر كۈنى سائەت نۆلدىن كېيىن، يەنە پويىز كۈتۈش زالى، ۋوگزال سۇپىسىنىڭ يەر يۈزى، بېلەت تەكشۈرۈش ماشىنىسى قاتارلىق ئاممىۋى سورۇن ھەم لىفىت، يولۇچىلار ئورۇندۇقى قاتارلىق ھەر خىل ئاممىۋى ئەسلىھەلەر ئومۇميۈزلۈك دېزىنفېكسىيەلەندى.

  ۋوگزالدا قاتتىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللانغاندىن سىرت، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى يەنە پويىزدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش سالمىقىنى ئاشۇردى. پويىز يۈرۈش جەريانىدا، پويىز خىزمەتچىلىرى ھەر ئىككى سائەتتە بىر قېتىم ۋاگوننىڭ ئىچى، تازىلىق ئۆيى، ھاجەتخانا، ئەخلەت ساندۇقى، يۈك - تاق جازىسى، سۇ قايناتقۇچ ، ئورۇندۇق، ئىشىك تۇتقۇچى قاتارلىق يولۇچىلار دائىم تېگىشىدىغان ئورۇنلارغا دېزىنفېكسىيەلەش سۇيۇقلۇقى چېچىپ ۋە سۈرتۈپ مىكروب يوقىتىپ، ۋاگون ئىچى تازىلىقىنىڭ پاكىزلىقىغا كاپالەتلىك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە رادىيودىن پايدىلىنىپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىپ، يولۇچىلارغا ماسكا تاقاشنى، زۆرۈر بولمىغان مېڭىش - تۇرۇش ۋە پاراڭلىشىشنى ئازايتىشنى ئەسكەرتتى ھەم يولۇچىلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىدى. پويىز ئاخىرقى ۋوگزالغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تارماقلىرى پۈتۈن پويىزنى تولۇق، ئۆلۈك بۇلۇڭ قالدۇرماستىن ئەسلىھەلىرىنى دېزىنفېكسىيەلەش ۋە ھاۋانى دېزىنفېكسىيەلەپ ساپلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئېلىپ باردى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ