مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى داۋاملىق قۇرۇلىدىغان قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

2020.04.02 17:50 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئىش باشلاش، ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋاقتى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن بىر ئاي ئالدىغا سۈرۈلدى

  پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرىمىز شى شىن، ۋاڭ يۈجاۋنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە، 3 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى داۋاملىق قۇرۇلىدىغان 2188 تۈردە ئىش %100 ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن، قۇرۇش پىلانلانغان 4536 يېڭى تۈرنىڭ 1693ىدە قۇرۇلۇش باشلانغان، ئاپتونوم رايون بويىچە 80 نۇقتىلىق يېڭى قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ 18ىدە قۇرۇلۇش باشلانغان.

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق ۋەزىپە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى تۇتۇپ، سېلىنمىنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈردى. ئېكولوگىيەلىك مۇھىت، تەبىئىي بايلىق، سۇچىلىق، ئورمان - ئوتلاق، تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىكتە نۇقتىلىق تۈرلەرنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمىتى بىرلەشمە يىغىن تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق تۈرلىرى ئۈچۈن يېشىل يول ئېچىپ، ئورۇن تاللاش، يەر ئىشلىتىش، مۇھىت تەسىرىنى باھالاش قاتارلىق ئالدىنقى باسقۇچلۇق رەسمىيەتلەرنى بېجىرىشنى ماسلاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، تۈر قۇرۇلۇشىغا بىرلىكتە تۈرتكە بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كۈندىلىك ئورۇنلاشتۇرۇش، كېڭىشىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، تۈرلەرنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدىكى قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلدى.

  ئاپتونوم رايوننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، «3 - ئاينىڭ 31 - كۈنىدىن بۇرۇن داۋاملىق قۇرۇلىدىغان تۈرلەرنىڭ ھەممىسىدە ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ قۇرۇلۇش قىلىش، كۆپ قىسىم يېڭىدىن ئىش باشلىنىدىغان تۈرلەردە ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئىش باشلاپ قۇرۇلۇش قىلىشقا تىرىشىش» تەلىپىنى چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئاپتونوم رايوندىكى كەسپىي نازارەت، ئىدارىلەر، ھەرقايسى ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)لەر بىلەن بىرلىكتە پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنى رەتلەپ جەملەپ، داۋاملىق قۇرۇلىدىغان تۈر ئامبىرى، يېڭىدىن ئىش باشلىنىدىغان تۈر ئامبىرى، ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق تۈر ئامبىرىنى تۇنجى قېتىم قۇرۇپ، قۇرۇلۇش مۇددىتىنى تەتۈرسىگە تىزىپ، مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇردى.

  «بىز <ئۈچ تۈر ئامبىرى>نى تۇتقا قىلىپ، تۈردە ئىش باشلاش، ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋاقتىنى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن بىر ئاي ئالدىغا سۈرۈپ، ئەمەلىي خىزمەت مىقدارىنى شەكىللەندۈرۈپ، تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنىڭ ئېشىشىغا كۈچلۈك تىرەك بولدۇق» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى تۈر قۇرۇلۇشى باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى ياڭ شۆليەن تونۇشتۇرۇپ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ