مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تۈرلۈك ئاماللار بىلەن سۈرئەتكە كاپالەتلىك قىلىش، سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىش، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش

2020.04.01 18:46 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  − ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، مەھسۇلات كۆزلىمە نىشانىغا يېتىشنى ئالغا سىلجىتتى

  پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرىمىز

  يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەش ھەم بىر قېتىملىق چوڭ جەڭ، ھەم بىر قېتىملىق چوڭ سىناق. «جىددىي پەيتتە قەھرىماننىڭ خىسلىتى نامايان بولىدۇ.» ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى ۋاقىتنى غەنىيمەت بىلىدىغان، پەيتنى قولدىن بەرمەيدىغان غەيرەت - شىجائەت بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى، مەھسۇلات كۆزلىمە نىشانى، ئۈنۈم كۆزلىمە نىشانىغا يېتىشنى ئالغا سىلجىتتى.

  پارتىيە قۇرۇلۇشى يېتەكچىلىك قىلىش دەل جايىدا كۈچەش

  قورغان بەرپا قىلىپ، ئاۋانگارت بولۇش. ئالتاي ۋىلايىتى پارتىيە قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى پۇختا، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتتى.

  ئالتاي ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم ئىشلىرى ئەزاسى يۆ شىمىڭ مۇنداق دېدى: «ئالتاي ۋىلايىتى ۋىلايەت، ناھىيە رەھبەرلىرى «بىرگە بىر» ھۆددىگە ئېلىش - ئالاقىلىشىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، كارخانىلارنىڭ خام ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەش، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالارنى زاپاس ساقلاش، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش ئورنىغا قايتىش ۋە قەرز پۇل ئېلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى قىيىنچىلىقلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، كۆلەمدىن يۇقىرى 137 كارخانىنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولدى. پارتىيەلىك كادىرلار، كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار، دېھقان - چارۋىچى پارتىيە ئەزالىرى قاتارلىقلارنى سەپەرۋەر قىلىپ پىدائىي زەربىدارلار ئەترىتى تەشكىللەپ، دېھقانلارنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىشى، يېزا ئىگىلىكى ئەشيالىرىنى زاپاس ساقلىشىغا ياردەم بېرىپ، چارۋىچىلارنىڭ يايلاق كۆچۈش جەريانىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەشۋىقاتى قاتارلىقلارنى ياخشى ئىشلەپ، ئەتىياز پەسىللىك يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتتى».

  كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى پۇختا، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن، ئاۋات ناھىيەسى بىر نەپەر ناھىيە دەرىجىلىك رەھبەر، بىر نەپەر ناھىيەگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇننىڭ مەسئۇلى، بىر نەپەر تەۋەلىكنى باشقۇرىدىغان مەسئۇل كىشى، بىر نەپەر كارخانا مەسئۇلىدىن ئىبارەت «تۆت بىر» ھۆددىگە ئېلىش مەسئۇلىيەت سىستېمىسى ئورنىتىپ، نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى كۈچەپ ياخشى تۇتۇپ، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ «ئاتاكا سىگنالى»نى ئومۇميۈزلۈك ياڭراتتى. بۇ ناھىيەدىكى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش پارتىيە كومىتېتى (پارتىيە گۇرۇپپىسى) قاتارلىق كۆپ تەرەپ بىرلىكتە ھەرىكەتكە كېلىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى بويىچە كارخانىلاردا تۇرىدىغان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئالاقىچىسىدىن 19نى تاللاپ ئەۋەتىپ، كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى، ئىلمىي، دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ئەمەلىيلەشتۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كارخانا پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ سۇبيېكتلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى زەربىدارلار ئەترىتىدىن 12نى تەشكىللەپ قۇرۇپ، كەڭ پارتىيەلىك كادىرلارنى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتتىكى جىددىي، قىيىن، خەتەرلىك، ئېغىر ۋەزىپىلەرنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈستىگە ئېلىشقا يېتەكلەپ، ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، مەھسۇلات كۆزلىمە نىشانىغا يېتىشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولدى.

  مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇش

  غەم - ئەندىشىدىن خالاس قىلىش

  «يۇقۇم يۈزبەرگەن ئەھۋالدا تىجارەت باشلاشتا ئەڭ قىيىن بولغىنى مەبلەغ ئوبوروتى مەسىلىسى بولدى، سىناپ بېقىش پوزىتسىيەسىدە مەن مەھەللە كادىرلىرى تەۋسىيە قىلغان قۇرۇلۇش بانكىسىنىڭ يەككە سودا - سانائەتچىلەر <ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قەرز پۇل> كەسپىگە ئىلتىماس قىلدىم، ئويلىمىغان يەردىن تېزلا 80 مىڭ يۈەن قەرز پۇل ئېلىپ، كۆز ئالدىمدىكى جىددىي ئىشنى ھەل قىلدىم» دېدى 3 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى خاۋخاۋ قولايلىق دۇكىنىنىڭ ئىگىسى چېن جىن.

  چېن جىن ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق يەرلىك پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى، جۇڭگو خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسى بىرلىكتە چىقارغان يەككە سودا - سانائەتچىلەرنىڭ ئاز سوممىلىق رەنىسىز، كېپىلسىز قەرز پۇلى سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولدى. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 1 - ئاينىڭ 20 - كۈنىدىن 3 - ئاينىڭ 17 - كۈنىگىچە، شىنجاڭ بانكىچىلىق ئاپپاراتلىرى ئومۇم ۋە شەخسلەرنى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش بويىچە جەمئىي 289 مىليارد 344 مىليون يۈەن مەبلەغ بىلەن تەمىنلىگەن، 260 مىڭ 100 قېتىم قەرز پۇل تارقاتقان، جەمئىي تارقاتقان سومما 95 مىليارد 639 مىليون يۈەن بولغان.

  ئاپتونوم رايونلۇق يەرلىك پۇل مۇئامىلە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ كۇيرەن مۇنداق دېدى: «كېيىنكى قەدەمدە، ئىدارە پارتىيە گۇرۇپپىسى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، كارخانىلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، مەسىلىلەرنى يۈزتۇرا ھەل قىلىپ، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ قەرز پۇل كۆلىمىنى كېڭەيتىش، يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە بىرقەدەر چوڭ ئۇچرىغان كارخانىلارغا نۇقتىلىق مۇلازىمەت قىلىش، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە كۈچ سەرپ قىلىپ، بانكا ۋە كارخانىلارنى قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ».

  كارخانىلارنىڭ ئىشچى ئىشلىتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئىلى ئوبلاستلىق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسى سەرخىل خادىملارنى تەشكىللەپ، مۇلازىمەت مەخسۇس بەنى قۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن كارخانىلارغا «نۇقتىدىن نۇقتىغا» مۇلازىمەت قىلىشنى قانات يايدۇردى، 2 - ئاينىڭ 22 - كۈنىدىن 3 - ئاينىڭ 28 - كۈنىگىچە جەمئىي 232 كارخانىنىڭ ئىشچى ئىشلىتىش ئۇچۇرىنى ئېلان قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، 2300 خىزمەت ئىزدىگۈچىنىڭ ئىشچى ئىشلەتكۈچى كارخانا بىلەن ئۇدۇللىشىغا ياردەم بېرىپ، كارخانىلارنىڭ ئىشچى ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى ئۈنۈملۈك قاندۇردى.

  باتۇرلۇق بىلەن ئاۋانگارتلاردىن بولۇش ئىشلەپچىقىرىشنى تېزدىن تۇتۇش

  «ھازىرقى ۋەزىيەتتىن قارىغاندا، مۆلچەرلىنىشىچە 3 - ئايدا بىزنىڭ پولى كىرېستاللىق كىرېمنىي مەھسۇلاتىمىزنى 3500 توننىغا يەتكۈزگىلى بولىدۇ» دېدى 3 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، شىنجاڭ شيېشىن يېڭى ئېنېرگىيە خام ماتېرىياللىرى پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش دىرېكتور لى لى ئىشلەپچىقىرىش مەلۇمات جەدۋىلىگە قاراپ كۈلۈپ تۇرۇپ. تۇيۇقسىز كەلگەن يۇقۇم بۇ شىركەتكە خام ئەشيا كەمچىل بولۇش، مەھسۇلات بېسىلىپ قېلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئېلىپ كەلدى. ئالاھىدە مەزگىلدە، بۇ شىركەت پارتىيە كومىتېتى «قىيىنچىلىق پەقەت ۋاقىتلىق، پارتىيە كومىتېتى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەپ، قوشۇننى مۇقىملاشتۇرۇپ، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىپ، جاپالىق مەزگىل ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن ئىشلەپچىقىرىشنى قايتا تېزدىن تۇتۇش كېرەك» دېگەن ئىدىيەۋى تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈردى، 135 نەپەر پارتىيە ئەزاسى ئاۋانگارت بولۇپ، زەربىدارلىق بىلەن ئالدىدا مېڭىپ، باشلامچىلىق بىلەن ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ، نورمال ئايلىنىشقا ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلدى.

  بىر پارتىيە ئەزاسى بىر بايراق. شىنجاڭ تىيانشان يۇڭ توقۇمىچىلىق پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا ماشىنىلار گۈرۈلدەپ، ھەممە ئالدىراش ئىدى. «كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىش ئورنى» دېگەن بەلگىنى ھەممىلا يەردە كۆرگىلى بولاتتى. تىكىش سېخى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە، پارتىيە ئەزاسى گاۋ شۆجىڭ خىزمەتچىلەرگە تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىش بىلەن ئالدىراش ئىدى. ئىشلەپچىقىرىشنى تۇتۇپ، زاكازغا ئۈلگۈرتۈش ئۈچۈن، چاغاننىڭ تۆتىنچى كۈنىدىن باشلاپ ئۇ خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇردى. «پارتىيە ئەزالىرى ھالقىلىق پەيتتە ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئاتاكىغا ئۆتۈپ، شىركەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشى كېرەك» دېدى گاۋ شۆجىڭ.

  بۇ يىل، تىيانشان توقۇمىچىلىقىنىڭ زاكازى بۇلتۇرقىغا قارىغاندا سەل - پەل كۆپەيدى، جاپالىق ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىپىسىگە قارىتا، 300گە يېقىن پارتىيە ئەزاسى ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، باشلامچىلىق بىلەن ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىرىنچى سېپىدە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىپ، تىۋىت يۇيۇش، بوياش، ئېگىرىش، توقۇش قاتارلىق ھەرقايسى ئىش ھالقىلىرىنى تەرتىپلىك ئېلىپ باردى. پارتىيە ئەزالىرىنىڭ تۈرتكىسىدە كۆپچىلىك تولۇپ تاشقان غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، ئارقىدا قالغان ئىشلەپچىقىرىش سۈرئىتىنى ئەسلىگە كەلتۈردى.

  (مۇخبىر جاڭ يەنفاڭ، قاتناشقان مۇخبىرلار جاڭ جىلى، ۋاڭ يۇڭفېي، جەزىرە نېسىپبېك، ئىختىيارىي مۇخبىرلار جاڭ شىنمېي، شىڭ جىڭ، ۋاڭ چيەنشى)
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ