مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جەنۇبىي شىنجاڭدا كېۋەز تېرىش ئارقا - ئارقىدىن باشلاندى

2020.04.01 18:44 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  «بىر ئاساس، ئىككى قوشۇمچە» ئۇرۇق سېلىش ئەندىزىسىنى كېڭەيتىش

  جەنۇبىي شىنجاڭدا كېۋەز تېرىش ئارقا - ئارقىدىن باشلاندى

  پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىمىز جاڭ جىلى، ئاقسۇ مۇخبىرلار پونكىتىدىن ليۇ خۇڭۋېن خەۋەر قىلىدۇ: «يەر تېرىپ ياخشى ھوسۇل ئالىمىز دەيدىكەنمىز، ئالدى بىلەن ئەتىيازلىق تېرىلغۇدىن ئىبارەت بۇ ھالقىنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. بۇ يىل بىز چوڭ تىپتىكى سېيالكا بىلەن ئۇرۇق سالدۇق، ئىلغار ئۇۋۇلاپ تېرىش سېيالكىسى بىلەن بىر تال ئۇرۇقنى بىر تۆشۈككە دەل جايىدا سالدۇق، بۇنىڭدا بىر مو يەردىن 1.5 كىلوگىرام چىگىت تېجەپ قالغىلى بولىدۇ، كۈزلۈك يىغىم مەزگىلىدە يىغىۋېلىشقىمۇ قولايلىق» دېدى 3 - ئاينىڭ 28 - كۈنى ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ گۈلئاۋات يېزىسى گۈلئاۋات كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى ليۇ ۋېنمىڭ.

  كۆپ يىل كېۋەز تېرىغان ليۇ ۋېنمىڭ ئىلغار ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان ئۇرۇق سېلىش تېخنىكىسىغا ماسلىشىپ قالدى. بۇ يىل، گۈلئاۋات يېزىسى كېۋەز تېرىش سۈپەت ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇپ، زامانىۋى، يۇقىرى ئۈنۈملۈك يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش مۇساپىسىگە ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، كېۋەزنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ نەق مەيدان كۆرەك يىغىنىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇردى، دېھقانچىلىق تېخنىكىسى مۇتەخەسسىسلىرىنى ئېتىز باشلىرىغا بېرىپ، دېھقانلارغا ئۇرۇق سېلىش تەرتىپى، توپا يېپىش قېلىنلىقى ھەمدە يەر ئاغدۇرۇش، يەرنى تىرنىلاش، دېھقانچىلىق دورىلىرىنى پۈركۈش ئۆلچىمى ۋە ئەتىيازلىق تېرىلغۇدا دىققەت قىلىدىغان ئىشلارنى چۈشەندۈرۈشكە تەكلىپ قىلدى. ليۇ ۋېنمىڭ ۋە شۇ كەنتتىكى تېرىقچىلىق ئائىلىلىرى ئۇرۇق سېلىۋاتقاندا ئونسۇ ناھىيەلىك شېڭفېڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىش كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىكى «يەرلىك مۇتەخەسسىس»لەر ۋە شىنجاڭ جىنفېڭيۈەن ئۇرۇقچىلىق پاي چەكلىك شىركىتىدىكى ئاگرونوملار ئېتىز باشلىرىغا كېلىپ مۇلازىمەت قىلدى.

  بۇلتۇرنىڭ ئاخىرىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ قالپىقىنى ئەمدىلا تاشلىغان كەلپىن ناھىيەسىدە بۇ يىل تېرىش پىلانلانغان 114 مىڭ 300 مو كېۋەز نامراتلىقتىن قۇتۇلغان نۇرغۇن ئائىلىنىڭ كىرىمنى مۇقىم ئاشۇرۇشىدىكى مۇھىم يول بولۇپ قالدى. بۇ بىرنەچچە كۈندە ئۇرۇق سېلىش باشلانغاندا، ھەرقايسى يېزا - بازارلاردىكى يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرى ئارقا - ئارقىدىن ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىرىنچى سېپىگە ئاتلىنىپ، دېھقانلارنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشىنى قانات يايدۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلدى. كەلپىن ناھىيەسىنىڭ گەزلىك بازىرى قۇميەر كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى ئالتۇنخان ھوشۇر مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرىنىڭ ياردىمىدە، بۇ يىل ئائىلىمىز كېۋەزنىڭ ھەممىسىنى سېيالكا بىلەن ئۇرۇق سېلىش ئەندىزىسىنى قوللاندۇق، شۇنداقلا ئەلا سۈپەتلىك سورت تېرىدۇق، كېيىنكى مەزگىلدە ئېتىز پەرۋىشىنى كۈچەيتسەكلا، كىرىمنى ئاشۇرۇشتا گەپ يوق».

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل ئاقسۇ ۋىلايىتى يېزا ئىگىلىكىدە تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى داۋاملىق زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، پاختا كەسپىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى تېزلىتىدىكەن. تېرىلغۇ كۆلىمىنى 7 مىليون 500 مىڭ موغا مۇقىملاشتۇرۇش بىلەن بىللە، ناھىيە رايونى بويىچە كېۋەز سورتىنىڭ «بىر ئاساس، ئىككى قوشۇمچە» تېرىش ئەندىزىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كېۋەز سورتىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پۈتۈن ۋىلايەت بويىچە پاختىنىڭ سان تىپىدىن سۈپەت تىپىگە ئۆزگىرىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پاختىنىڭ ئومۇمىي سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن.

  3 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ئەتراپىدىن باشلاپ، كېۋەز تېرىش چوڭ ناھىيەسى لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ شىڭپىڭ يېزىسى، گۈلباغ يېزىسى، قارچۇغا يېزىسى قاتارلىق يېزا - بازارلاردىمۇ ئەتىيازلىق كېۋەز تېرىشنىڭ مۇقەددىمىسى باشلاندى. لوپنۇر ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى - يېزا ئىدارىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى فۇ گومېي مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىل لوپنۇر ناھىيەسى 1 مىليون مو كېۋەز تېرىشنى پىلانلىغان بولۇپ، ھەممىسى سېيالكىدا ئۇرۇق سېلىش ئەندىزىسى بويىچە تېرىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە، يەر ئوبوروت شەكلىدە تېرىلىدىغىنى 350 مىڭ مو. بۇلتۇر پاختا يىغىۋېلىنغاندىن كېيىن دېھقانلار ۋە ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى دېھقانچىلىق ئەشيالىرىنى سېتىۋېلىشنى باشلىغان، بۇ يىل يەنە تولۇق تەييارلىق قىلغان بولغاچقا، كېۋەز تېرىش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلىشى ئوڭۇشلۇق بولدى.

  مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 3 - ئاينىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونى ئالدى بىلەن پۈتۈن شىنجاڭدا كېۋەز تېرىشنى باشلىغان، يېقىنقى مەزگىلدە تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، 4 - ئاينىڭ بېشىدا كېۋەز تېرىشنىڭ ئالدىراش مەزگىلىگە كىرىشى مۆلچەرلەنگەن.

  بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز يۇقىرى ھوسۇللۇق ئەۋزەل پاختا رايونىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، پاختا سورتىنىڭ مىقدارىنى ئەلالاشتۇرۇپ، پاختا سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئەلا سۈپەتلىك پاختا ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ پاختىچىلىق كەسپىنىڭ «چوڭ بولۇشتىن كۈچلۈك بولۇشقا ئۆزگىرىش»ىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. كېۋەز سورتىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھەر بىر كېۋەز تېرىيدىغان ناھىيەنىڭ بىر ئاساسلىق سورتى، ئىككى كىرىشتۈرمە سورتى بولۇش تەلىپىگە ئاساسەن، «بىر ئاساس، ئىككى قوشۇمچە» ئۇرۇق سېلىش ئەندىزىسىنى كېڭەيتىدۇ. شۇ جاينىڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالى، سۈپىتى ۋە كىلىمات شارائىتىغا ئاساسەن، ماشىنا بىلەن يىغىشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان، كەڭ كۆلەمدە كېڭەيتىلىدىغانلىرىنى تاللاپ ئاساسىي سورت قىلىپ، «بىر ناھىيەدە بىر سورت بولۇش»، «كۆپ ناھىيەدە بىر سورت بولۇش»قا ئىلھام بېرىپ، پاختا سۈپىتىنى مەنبەدىن ئۆستۈرىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ