مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

توققۇز تۈرلۈك تەدبىر ئاپتوموبىل كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشىدۇ

2020.04.01 18:33 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى:

  توققۇز تۈرلۈك تەدبىر ئاپتوموبىل كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشىدۇ

  شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى مۇخبىرى خەن جىن، ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ دۈەنخەي خەۋەر قىلىدۇ: 3 - ئاينىڭ 29 - كۈنىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتى توققۇز تۈرلۈك تەدبىرنى يولغا قويۇپ، شىنجاڭ ئىچىدىكى ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش كارخانىلىرىغا قولايلىق يارىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئاپتوموبىل كەسپىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا مەدەت بەردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتى شىنجاڭ ئىچىدىكى ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ سېتىش تور نۇقتىلىرىنى قۇرۇش ئەھۋالىغا ئاساسەن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلىش، پۈتۈنلەي ئۆز ئىختىيارلىقىدا بولۇش پىرىنسىپى بويىچە، ھەرقايسى جايلاردىكى ئاپتوموبىل باشقۇرۇش تارماقلىرىنى دەل ۋاقتىدا ئاپتوموبىل سېتىش مىقدارى كۆپ بولغان سېتىش نۇقتىلىرىدا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى تىزىملاش كەسپى مۇلازىمەت پونكىتى تەسىس قىلىشقا تەشكىللەپ، ئاپتوموبىل ئىگىلىرىنىڭ ئاپتوموبىل باشقۇرۇش كەسپىنى بېجىرىشىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ؛ ئاپتونوم رايون ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىلغان ئاپتوموبىللارنى سېتىش سودىگەرلىرىگە ۋاقىتلىق يول يۈرۈش ئاپتوموبىل نومۇر تاختىسى كەسپىنى قانۇن بويىچە بېجىرىشنى ھاۋالە قىلىدۇ، سېتىش سودىگەرلىرى سېتىپ چىقارغان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىگە نەق مەيداندا ۋاقىتلىق يول يۈرۈش ئاپتوموبىل نومۇر تاختىسى تارقىتىپ بېرىدۇ، بۇ ئارقىلىق ئاپتونوم رايون ئىچىدىكى ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىلارنىڭ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى شىنجاڭ ئىچى، شىنجاڭ سىرتىغا سېتىشىغا ئەڭ زور چەكتە مەدەت ۋە ئىلھام بېرىدۇ؛ كىرا ئاپتوموبىلى، تىرانسپورت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كارخانىلار ئاپتونوم رايون ئىچىدىكى ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى ئىشلەپچىقارغان ئاپتوموبىلدىن بەشتىن ئارتۇقنى سېتىۋالسا، شۇ جايدىكى ئاپتوموبىل باشقۇرۇش تارماقلىرى ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تەكشۈرۈپ، ئاپتوموبىل ئىگىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئاپتوموبىلنى رويخەتكە ئالدۇرۇپ تىزىملىتىش كەسپىنى بېجىرىشىگە ياردەملىشىدۇ؛ پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرىنى ئاپتونوم رايون ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىلغان ئاپتوموبىللارغا ئاپتوموبىل باشقۇرۇش كەسپىدە يېشىل يول ئېچىپ بېرىشكە تەشكىللەپ، ئاپتوموبىلنى رويخەتكە ئالدۇرۇپ تىزىملىتىش كەسپىنى ئالدىن بېجىرىشكە، شۇ كۈنلۈك كەسىپنى شۇ كۈنى بېجىرىپ بولۇش قاتارلىقلارنى يولغا قويۇشقا تەشكىللەيدۇ.

  بۇنىڭدىن سىرت، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئاپتونوم رايون ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىلغان ئاپتوموبىل تىپلىرى ئىمتىھان ئاپتوموبىلى قىلىشقا ئالدىن تاللاپ ئىشلىتىدىغان ئاپتوموبىل تىپى قىلىنىدۇ، ئاپتونوم رايون ئىچىدىكى ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ تىپى بېكىتىلگەن تەجرىبە ئاپتوموبىلىنى سىنىشى، ئاپتونوم رايون ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىلغان ئاپتوموبىل تىپلىرىنىڭ تاشيول يولۇچى تىرانسپورتىغا قاتنىشىشى، ئاپتونوم رايون ئىچىدىكى ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ تىرانسپورت ئاپتوموبىلى مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشى تۈرلۈك قولايلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلىنىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ