مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست:

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى بوشاشتۇرمىدى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا بوشاڭلىق قىلمىدى

2020.02.24 16:31 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست:

  يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى بوشاشتۇرمىدى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا بوشاڭلىق قىلمىدى

  پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرىمىز پەرىزات ئابدۇل، جاڭ جىلى، خەن چىنيەن

  كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، نامرات ئاھالىلەرنى يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشقا جەلپ قىلىش؛ يېزا ئىگىلىكى ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەش كاپالىتىنى زورايتىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ تەسىرگە ئۇچرىماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش؛ نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئېھتىياجىنى ئىگىلەپ، دەل جايىدا ياردەم بېرىش يۆلەش سالمىقىنى ئازايتماسلىق... يېقىنقى مەزگىلدە، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئاساسلىق جەڭ مەيدانى بولغان جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى قىلچە بوشاشتۇرماي ياخشى تۇتۇش بىلەن بىللە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىلىسىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىكنى ئىشقا ئاشۇردى.

  ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش

  يۇقۇم ئالدىدا، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست ھەرقايسى جايلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى ۋە كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىدەك پايدىلىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

  «زاۋۇتتا ئىش ئەسلىگە كەلدى، مېنىڭ ھەر ئايلىق كىرىمىم يەنە مۇقىملاشتى» دېدى 2 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، شىنجاڭ جيەندېلى مودا كىيىم - كېچەك چەكلىك شىركىتىنىڭ كېرىيە ناھىيەسى ئارال يېزىسى تەۋەلىك رايونى زاۋۇتىنىڭ ئىشچىسى سالامەت مەتروزى خۇشال ھالدا.

  شىنجاڭ جيەندېلى مودا كىيىم - كېچەك چەكلىك شىركىتىنىڭ كېرىيە ناھىيەسى ئارال يېزىسى تەۋەلىك رايونى زاۋۇتى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ھەربىر ئىش تەرتىپى، ھەربىر ئىش ئورنىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن زاكازنى ئۈلگۈرتتى.

  خوتەن ۋىلايىتى «تۈرگە ئايرىش، تۈركۈملەرگە ئايرىش، تەرتىپلىك بولۇش، ئارىلاشتۇرۇۋەتمەسلىك» پىرىنسىپى بويىچە، تۈرلۈك كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە پائال تۈرتكە بولۇپ، نامرات ئاھالىلەرنىڭ يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈردى. ھازىرغا قەدەر، خوتەن ۋىلايىتىدىكى 212 توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك، يېمەكلىك پىششىقلاش، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كارخانىسى قاتارلىقلار ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈردى، ئىش ئورنىدىكى خادىم 28 مىڭدىن ئاشتى.

  ئايشەمگۈل توختى ئاتۇش شەھىرىنىڭ ئاغۇ يېزىسى نۇرلۇق كەنتىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە. بۇ بىرقانچە كۈندە، ئۇ يەنە ئاچا - سىڭىللىرى بىلەن بىللە يېزىدىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش بازىسىدا ئىشقا چۈشتى. نۇرلۇق كەنتى ئاغۇ يېزىسىدىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش بازىسى، تۆۋەن مەھەللە كەنتىدىكى قول ھۈنەر توقۇمىچىلىقى بويىچە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەركىزىگە تايىنىپ، يېقىن ئەتراپتا 60 كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇردى، ئۇلارنىڭ كىشى بېشى ئايلىق ئىش ھەققى 2000 يۈەندىن ئاشتى.

  ئاقسۇ ۋىلايەتلىك سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسى شىنجاڭ سىرتىدىكى خادىملارنىڭ ئۆز قەرەلىدە ئىش ئورنىغا قايتىپ كېلەلمەسلىكى قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، تۈرگە ئايرىپ، تۈركۈمگە ئايرىپ، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش لايىھەسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ تۈزۈپ، دەل ۋاقتىدا ئىشچى ئىشلىتىش سۇپىسى قۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇچۇرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشقا سەپەرۋەر قىلدى. ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى 2020 - يىللىق باھار شامىلى ھەرىكىتى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىش ئېيى پائالىيىتىنى تور سىرتىدا قىلىشنى توردا قىلىشقا ئۆزگەرتىپ، توردا خادىم قوبۇل قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، دىققەتنى يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرى، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر قاتارلىق كىشىلەر توپىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىش ئورنى ۋە خىزمەت ئىزدەش ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلىپ، توردا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن ئۈزلۈكسىز تەمىنلىدى.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاقسۇ ۋىلايىتى خادىم قىسقارتمىغان ياكى ئاز قىسقارتقان سۇغۇرتىغا قاتناشقان كارخانىلارغا ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش تولۇقلىمىسى تارقىتىپ بەردى، ئالدىنقى يىلى ئەمەلىي تاپشۇرغان ھەق بويىچە ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ھەققىنىڭ %60ىنى قايتۇرۇپ بەردى.

  دېھقانچىلىق مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا ئالدىراش

  يۇقۇمنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا ئېلىپ كەلگەن تەسىرىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، مايسا كۆچۈرۈش، يېزا ئىگىلىكى ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەشنى تەشكىللەشنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى ئەمەلىي تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا تەييارلىق قىلىشتا دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەردى.

  «بىز بۇ يىل پىگمېنت لازىسى تېرىپ كىرىمىمىزنى ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىۋاتىمىز، سىلەر بىزگە ياردەملىشىپ مايسا يېتىشتۈرۈشتىكى قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىشىمىزغا ياردەملەشمىگەن بولساڭلار، ئۈمىدىمىز يوققا چىققان بولاتتى.» 2 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ ئىشلەمچى يېزىسى ئىشلەمچى كەنتىدە، كەنت ئاھالىسى لو شىچۈەن ئونسۇ ناھىيەلىك باج ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرىغا شۇنداق دېدى.

  بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى، لو شىچۈەن قاتارلىقلار پىگمېنت لازىسى تېرىش ئۈچۈن مايسا يېتىشتۈرۈش بازىسى تاپالماي غەم قىلىۋاتقاندا، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ئۇلارغا ياردەملىشىپ بىر مايسا يېتىشتۈرۈش بازىسىنى ئۇقۇشۇپ بەردى. ئوخشاش بىر ۋاقىتتا، توقسۇ ناھىيەسىنىڭ ئۇچقات يېزىسى لەمپە كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ياڭ چاڭلىننىڭ قەرز ئېلىش قىيىن مەسىلىسىمۇ خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە ھەل بولدى.

  ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا تەييارلىق قىلىشقا كۈچ قوشۇش ئۈچۈن، يېزا ئىگىلىك بانكىسى ئاقسۇ شۆبە بانكىسى، يېزا ئىگىلىك بانكىسى ئارال بىڭتۇەن شۆبە بانكىسى، يېزا - كەنتلەردىكى ئوتتۇرا، كىچىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى 12 مىليارد 395 مىليون يۈەن كىرېدىت مەبلىغى تارقىتىشنى پىلانلىغان بولۇپ، نۆۋەتتە 8 مىليارد 315 مىليون يۈەن تارقىتىپ بولدى.

  2 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، يوپۇغا ناھىيەسىنىڭ يەكشەنبە بازار بازىرى پارلاق كەنتىدىكى توپ تۇتاش كۆكتات ئەگمە پارنىكىدا، پالەك ۋە يۇۋبەسەيلەر ياخشى ئۆسۈۋاتقان بولۇپ، ھاياتىي كۈچكە تولغانىدى. كەنت ئاھالىسى ئەلى روزى كۆكتات ئۈزۈش بىلەن ئالدىراش ئىدى. «بۇ يىل كۆكتاتلار ياخشى ئۆستى، مۆلچەرىمچە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەربىر ئەگمە پارنىكتىن 1600 يۈەن كىرىم قىلالايمەن».

  «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك، ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا تەييارلىق قىلىش ئىشلەپچىقىرىشىنىمۇ ئاقسىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ.» يەكشەنبەبازار بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، يېزا ئىگىلىك ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ئىليار ھامۇت مۇنداق دېدى: 2019 - يىلى بۇ بازاردىكى نامرات كەنتلەرنىڭ ھەممىسى چېكىنىپ چىقتى، بۇ يىل نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەشتە جەزمەن دېھقانچىلىق مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا ئالدىراش كېرەك.

  تەدبىرلەرنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ كىرىمنى ئاشۇرۇش

  جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى تۇتۇش بىلەن بىللە، بۇ يىللىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى چىڭ كۆزلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتلىرىنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى.

  خوتەن ناھىيەسىگە جايلاشقان شىنجاڭ زاۋتۇ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ توشقانچىلىق كەسىپ بازىسى ئۆلچەملەشكەن باقمىچىلىق رايونىدا، قاتار - قاتار توشقان كاتەكلىرى رەتلىك بولۇپ، ئېسىل نەسىللىك توشقانلار سەكرىشىپ يۈرەتتى. يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، قېپقالغان شەندۇڭلۇق تېخنىك يەرلىك تېخنىك كۈچلەرنى باشلاپ ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ، يەم - خەشەك زاۋۇتى، قۇشخانىلارنىڭ ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا ئاشۇرۇپ، باقمىچى ئائىلىلەرنىڭ كىرىمىگە كاپالەتلىك قىلدى.

  «يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، مەن يەم - خەشەك بىلەن تەمىنلەشنىڭ ئۈلگۈرمەسلىكىدىن، توشقانلارنى ۋاقتىدا كاتەكتىن چىقىرالماسلىقتىن بەك ئەنسىرىگەنىدىم.» 2 - ئاينىڭ 19 - كۈنى خوتەن ناھىيەسىنىڭ بۇزاق يېزىسى ئازنا بازار كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى زاكىر بەردى مۇنداق دېدى: يېرىم ئاي ئىلگىرى، مېنىڭ ھۇزۇر زاۋتۇ باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىم 351 توشقاننى ئوڭۇشلۇق كاتەكتىن چىقاردى، ھەربىر توشقاندىن سەككىز يۈەن پايدا ئالدۇق.

  خوتەن ناھىيەسى «توشقان، غاز بىلەن كەڭ قاپلاش، كەپتەر، كەكلىكتە مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇش، ئوت - چۆپ، كۆكتاتتا باشلامچى بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىش، موگۇ، لازىنى ئومۇملاشتۇرۇش، كېڭەيتىش، بورداقچىلىقتا بازارنى كۆزلەش، چارۋا، ئۆي قۇشلىرىدا ئىككى ئۇچنى تولۇقلاش »تەك كەسىپ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى زىچ چۆرىدەپ، «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدە خوتەن ناھىيەسىنىڭ كەسىپ تەرەققىياتىنى مۇستەھكەملەش، ئۆستۈرۈشنى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى تۈزۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە كەسىپنى مۇستەھكەملەش، ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت ئىككى مەيدان قاتتىق جەڭدە غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

  ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، «چەت ياقىغا جايلاشقان ئائىلە»لەرگە ياردەم بېرىش، يۆلەشنى كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاھالىلەر سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئائىلىلەرنىڭ سۈپىتىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئائىلە ئەزالىرىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئائىلىلەرنىڭ كىرىمى، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش» قاتارلىق ئەھۋاللارنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسى بار ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى ئېنىقلاپ، ئىشچى ئىشلىتىش كارخانىلىرى بىلەن بالدۇرراق ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ياخشى قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاھالىلەرنىڭ قايتا نامراتلىشىپ كەتمەسلىكىگە، نامرات بولمىغان ئاھالىلەرنىڭ نامراتلىشىپ كەتمەسلىكىگە، ئورتاق بېيىش يولىدا سەپتىن چۈشۈپ قالماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ