مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئۈرۈمچى شەھىرىدە مېيىپلار ئىگىلىك تىكلىسە ۋە ئىشقا ئورۇنلاشسا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش مەخسۇس ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدۇ

2020.02.24 16:07 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېيىپلار بىرلەشمىسىدىن ئىگىلىشىچە، شۇ جايدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار يېقىندا ئىجتىمائىي كاپالەت، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇلازىمىتى قاتارلىق جەھەتلەردە توققۇز تۈرلۈك ياردەم بېرىش تەدبىرى قوللىنىپ، مېيىپلارنىڭ يۇقۇم ئەھۋالى مەزگىلىدىكى ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەرگەن.

  بۇ قېتىم يولغا قويۇلغان توققۇز تۈرلۈك تەدبىر مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: مېيىپ بالىلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بويىچە قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش؛ روھىي توسالغۇغا ئۇچرىغان بىمارلارغا ھەقسىز دورا ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىش؛ مېيىپلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بويىچە مەسلىھەت بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش؛ مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش پوسۇلكىلىرىنى سوۋغا قىلىش؛ مېيىپلارنىڭ خەۋەرلىشىش ئېقىم مىقدارى ياردەم پۇلى تارقىتىش؛ مېيىپلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىشى ۋە يەككە ئىشقا ئورۇنلىشىشى ئۈچۈن ياردەم پۇلى تارقىتىش؛ مېيىپلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئاپپاراتلىرىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش مەخسۇس ياردەم پۇلى تارقىتىش؛ مېيىپلارنى مەركەزلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ياردەم پۇلى تارقىتىش؛ مېيىپلارغا چېتىشلىق ئاپپاراتلارنىڭ ئۆي ئىجارە ھەققىنى كېمەيتىش ۋە كەچۈرۈم قىلىشتىن ئىبارەت.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش مەزگىلىدە، يۇقۇم ئەھۋالى مەركەزلىك ھالدا تېببىي كۆزىتىلىدىغان ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار مېيىپلارغا قارىتا ھەر بىر ئائىلىگە 1000 يۈەندىن مېھىر-شەپقەت ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ؛ 2019- يىلى شەھەر بويىچە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات مېيىپلار ئائىلىلىرىنىڭ ھەر بىرىگە 500 يۈەن قىممىتىدىكى مېھىر ـ شەپقەت تۇرمۇش بۇيۇملىرى سوۋغا قىلىنىدۇ.

  ئۈرۈمچى شەھىرى مېيىپلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ۋە ئىگىلىك تىكلىشىگە ياردەم بېرىش جەھەتتە، شەرتكە ماس كېلىدىغان ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەشكە كىرىشكەن ۋە يەككە ئىشقا ئورۇنلاشقان مېيىپلارغا ئۆلچەم بويىچە 3000 يۈەندىن تولۇقلىما بېرىدۇ؛ يەككە تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئەما ئۇۋۇلاش ئاپپاراتلىرى ۋە يەككە ئىگىلىكتىكى يۆلەش خاراكتېرلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئاپپاراتلىرىغا ھەر بىر ئائىلىگە 10 مىڭ يۈەنلىك ئۆلچەم بويىچە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش مەخسۇس ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ ھەمدە مېيىپلار بىرلەشمىسى تەرىپىدىن ئۆي ئىجارىگە ئېلىپ، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى پۇقراۋى مۇلازىمەت ئورۇنلىرى، مېيىپلارنى ھاۋالىلىك بېقىش ئاپپاراتلىرى ۋە ئەما ساقلىقنى ساقلاش ئۇۋۇلاش ئاپپاراتلىرى قاتارلىقلارغا 2020- يىللىق پۈتۈن يىللىق ئۆي ئىجارىسى كېمەيتىلىدۇ ۋە كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ