مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر توردا ئوقۇتۇش شەكلىنى قوللىنىپ دەرس باشلايدۇ

2020.02.12 16:35 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش مەزگىلىدە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ توردا ئوقۇتۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقاتتى. ئۇقتۇرۇشتا، 2- ئاينىڭ17- كۈنىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە توردا ئوقۇتۇشتەك ئوقۇتۇش شەكلى ئارقىلىق دەرس باشلايدىغانلىقى، ھەرقايسى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش باشلاش ۋاقتى كېچىكتۈرۈلگەن مەزگىلىدە «دەرس توختىسىمۇ ئوقۇتۇشنى توختاتماسلىق، دەرس توختىسىمۇ ئوقۇشنى توختاتماسلىق»قا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقى، يۇقۇمنىڭ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش خىزمىتىگە بولغان تەسىرىنىڭ ئەڭ زور چەكتە ئازايتىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر مائارىپ مىنىستىرلىقى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تەرىپىدىن بىرتۇتاش تەمىنلەنگەن ئوقۇتۇش بايلىقلىرى رامكىسى دائىرىسىدە توردا ئوقۇتۇش شەكلىنى جانلىق تاللايدىكەن. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ 3- يىللىقىنىڭ ئوقۇتۇش شەكلىنى ھەرقايسى جايلاردىكى ھەرقايسى مەكتەپلەر ئۆزلىرى بېكىتىدىكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ مائارىپ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قانىلىدا ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى بىرتۇتاش سۈرەتكە ئالغان سىن دەرسى كۆرسىتىلىدۇ، بۇ، باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 4- يىللىقىدىن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 2- يىللىقىغىچە بولغان ئاساسلىق پەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇ چاغدا، جۇڭگو مائارىپ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قانىلىدىمۇ مائارىپ مىنىستىرلىقى تەمىنلىگەن ئالاقىدار دەرس ۋە ئالاقىدار ماتېرىياللار كۆرسىتىلىدۇ، بۇ، باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 1- يىللىقىدىن ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 3- يىللىقىغىچە بولغان دەرسلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئوقۇغۇچىلار دەرس سېتكىسىغا ئاساسەن، ئۆيدە سىملىق تېلېۋىزور، تور تېلېۋىزىيەسى، سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيەسى قاتارلىقلار ئارقىلىق كۆرۈپ ئۆگىنىدۇ.

  شىنجاڭ ئاساسىي مائارىپ بايلىقى ئاممىۋى مۇلازىمەت سۇپىسى ۋە شىنجاڭ مائارىپ پەنلەر تەتقىقات يۇرتى تور سۇپىسىدا ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى بىرتۇتاش سۈرەتكە ئالغان دەرسلەر ماس قەدەمدە كۆرسىتىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلەت تور بۇلۇت دەرسخانىسىمۇ پۈتۈن مەملىكەتكە يۈزلىنىپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ تۈرلۈك دەرسلىرى ۋە ئوقۇتۇش بايلىقى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئوقۇغۇچىلار مەكتەپنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن ئۆيىدە كومپيۇتېر ياكى تاختا كومپيۇتېر قاتارلىق تېرمىنال ئۈسكۈنىلەردىن پايدىلىنىپ تورغا چىقىپ كۆرۈپ ئۆگەنسە بولىدۇ. دەرس سېتكىسى شىنجاڭ مائارىپ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، شىنجاڭ ئاساسىي مائارىپ بايلىقى ئاممىۋى مۇلازىمەت سۇپىسى (http://edu.xjcxedu.com) ، شىنجاڭ مائارىپ پەنلەر تەتقىقات يۇرتى تور سۇپىسى(http://jky.xj.edu.cn) قاتارلىق تاراتقۇلار ئارقىلىق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلارغا ئېلان قىلىنىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ تور سىرتىدا يىغىلىشىنى قاتتىق مەنئى قىلىپ، ئائىلىدىن چىقماي ئۆگىنىشىنى تەكىتلىدى. 2- ئاينىڭ 17- كۈنىدىن بۇرۇن، ھەرقايسى جايلاردىكى مەكتەپلەر يېڭى مەۋسۇملۇق دەرسنى توردا ئوقۇتۇشنى مۇددەتتىن بۇرۇن باشلىسا بولمايدۇ. ھەرقايسى جايلاردىكى مائارىپ تارماقلىرى تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئۆيدىن چىقماي توردا تەربىيەلەش، ئوقۇتۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشى كېرەك، بۇيرۇقنى ئىجرا قىلمايدىغان، چەكلىسىمۇ بويسۇنمايدىغان قىلمىشلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ