مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەمەتئېزىز سەھنىدە بەختىنى تاپتى

2020.01.17 13:46 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  گېزىتىمىزنىڭ پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى لى شىڭ، شيې خۇيبيەن

  2019 - يىلى 12 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، لوپ ناھىيە بازىرىدىكى كەچلىك بازاردا، ھورى چىقىپ تۇرغان زاسۇيتاڭ، كاۋاپداندا پىژىلداپ پىشىۋاتقان كاۋاپ، قېتىق ئارىلاشتۇرۇلغان ھەم تاتلىق، ھەم يۇمشاق تاڭزۇڭزىلار... ئېسىل تائاملارنىڭ مەززىلىك ھىدىدە، كەچلىك بازار پۇقرالار چوڭ سەھنىسىدىكى قىزغىن مۇزىكا ساداسى ئىچىدە، لوپ ناھىيەلىك سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ئارتىسلىرى بۇ يەردە ئويۇن قويۇۋاتاتتى. سەھنە ئوتتۇرىسىدا، مەمەتئېزىز ئەمەرجان ۋە باشقا ئارتىسلار شوخ ئۇسسۇل ئويناۋاتاتتى، يەرنى تېپىپ، چۆرگۈلەپ، مۈرىسىنى ئېتىپ ئوينىغان نەپىس ئۇسسۇللار تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.

  ئويۇن ئاخىرلىشىشى بىلەنلا، مۇخبىرلار مەمەتئېزىزنىڭ ئالدىغا بېرىپ باش بارمىقىنى چىقىرىپ «بەك ياخشى ئوينىدىڭىز!» دېدى.

  «رەھمەت!» دېدى مەمەتئېزىز خۇشال ھالدا.

  تۇنجى قېتىملىق ئويۇن قويۇشتا ھەم جىددىيلىشىش، ھەم بەخت ھېس قىلىش

  لوپ ناھىيەلىك سەنئەت ئۆمىكىنىڭ رېپېتىتسىيە ئۆيىگە كىرىپ، بىرنەچچە ياش يىگىت ۋە قىزنىڭ رېپېتىتسىيە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۇق. مەمەتئېزىز مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: «سەنئەت ئۆمىكى ھەر ئايدا يېڭى ئۇسسۇل تەييارلايدۇ، نومۇرلارنى ئۈزلۈكسىز يېڭىلاپ تۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ، شۇندىلا تېخىمۇ كۆپ تاماشىبىننى جەلپ قىلغىلى بولىدۇ».

  مەمەتئېزىز كىچىكىدىن تارتىپلا ئۇسسۇل ئويناشنى ياخشى كۆرەتتى، دوستلار يىغىلىشىغا بارغاندا ئۇ ھەمىشە ئۇسسۇل ئوينايتتى، ئەمما سەھنىدە ئەزەلدىن ھەقىقىي ئويۇن قويۇپ باقمىغانىدى. تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە ئۇسسۇل ئويناشنى سىستېمىلىق ئۆگەنگەندىن كېيىن، ئۇ كەسپىي ئويۇن قويۇش يولىغا قاراپ ماڭدى. بىرىنچى قېتىم قويغان ئويۇن مەڭگۈ ئېسىدىن چىقمايدۇ.

  «بىز بىر ئاي رېپېتىتسىيە قىلغاندىن كېيىن، رېژىسسور ئەمدى سەھنىگە چىقساڭلار بولىدۇ دېدى.» شۇ كۈنى مەمەتئېزىز ئاق رەڭلىك ئۇسسۇل كىيىمى كىيدى، بېلىنى كەشتىلەنگەن پوتا بىلەن چىڭ باغلاپ، كەڭ شاربار ئىشتان، چەمى يۇمشاق قارا ئۆتۈك ۋە گۈللۈك دوپپا كىيدى. تۇنجى قېتىم سەھنىگە چىقىشى بولغاچقا، سەھنە ئاستىدىكى مىغ - مىغ كىشىلەر توپىنى كۆرۈپ، مەمەتئېزىز ئازراق جىددىيلەشتى، سەنئەت ئۆمىكىنىڭ رېژىسسورى ئۇنىڭ جىددىيلەشكەنلىكىنى كۆرۈپ، مۈرىسىگە بوشقىنە ئۇرۇپ، كۈلۈپ تۇرۇپ ئىلھاملاندۇرغان ھالدا: «جىددىيلەشمە، ئۆزۈڭنى ئەركىن تۇت، سەندە چاتاق يوق!» دېدى.

  ئويۇن باشلاندى، سەھنىگە چىقىپلا، مەمەتئېزىز جىددىيلىشىشنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇدى، باشقا ئارتىسلار بىلەن ياخشى ماسلىشىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئويۇن قويۇشقا كىرىشىپ كەتتى. «ئۇسسۇلىمىز ئاخىرلاشقان چاغدا، سەھنە ئاستىدا قىزغىن چاۋاك ۋە ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى.» ئويۇننى كۆرۈشكە كەلگەن مەمەتئېزىزنىڭ دادىسى ئۇنى چىڭ قۇچاقلىدى، ھاياجانلانغانلىقىدىن كۆزىگە ياش ئېلىپ توختىماي: «ئوغلۇم، يارايسەن!» دېدى. خوتۇنىمۇ ھاياجانلانغانلىقىدىن كۆزىگە ياش ئېلىپ: «ياخشى، ياخشى، ھەقىقەتەن ياخشى بولدى» دېگەندىن باشقا ھېچنېمە دېيەلمەي قالدى.

  مەمەتئېزىز مۇنداق دېدى: ئاشۇ چاغدا قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى خۇشاللىق ۋە بەخت تۇيغۇسىنى تىل بىلەن ئىپادىلىيەلمەي قالدىم.

  كەسپىي ئۇسسۇل مەشىقىنى قوبۇل قىلىش تەلىم - تەربىيە مەركىزىگە بېرىپ ئۆگىنىشتىن ئىلگىرى مەمەتئېزىز ئاشخانا ئاچاتتى. ئاشۇ چاغلاردا ئۇ تەرسا، تەلۋە، جاھىل ئىدى، ئۆزىنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى ئەسلا بىلمەيتتى. ئاشخانىغا باشقا مىللەتتىن بولغان كىشىلەر تاماق يېيىشكە كىرسىلا، ئۇ ئىنتايىن ئاچچىقلىناتتى، گەرچە خېرىدارنىڭ كىرىشىنى چەكلىمىگەن بولسىمۇ، لېكىن خېرىدارغا چىراي ئاچمايتتى. روزا ئېيى مەزگىلىدە، ئۇ ئاشخانىنى تاقىۋېتەتتى، يېنىدىكى ئاشخانىلارنىڭ يەنىلا تىجارەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ھامان، پەيلىنى بۇزۇپ باشقىلارنىڭ ئاشخانىسىغا كىرىپ، خوجايىننى سوراققا تارتىپ: «سەن مۇسۇلمانمۇ - ئەمەسمۇ؟ روزا ئېيىدىمۇ يەنە نېمىشقا تىجارەت قىلىسەن؟ سەن دوزاخقا كىرىسەن!» دەيتتى. ئۇ يەنە قوپاللىق بىلەن قوشنا ئاشخانىلارنىڭ ئاشخانىسىدىكى نەرسىلەرنى تاشلىۋېتەتتى.

  «ئۇ چاغلاردا، باشقىلارنىڭ گېپى زادىلا قۇلىقىمغا كىرمەيتتى» دېدى مەمەتئېزىز. كېيىن، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى كادىرلىرى مەمەتئېزىز بىلەن كۆپ قېتىم سۆزلىشىپ، سېنىڭ باشقىلارنىڭ ئىشىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلىشىش قىلمىشىڭ ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىش جىنايىتىگە ياتىدۇ، دەپ ئېيتىپ، ئۇنىڭغا كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىگە بېرىپ ئۆگىنىش تەكلىپىنى بەردى. ئاخىرىدا ئۇ كەنت كادىرلىرىنىڭ نەسىھەتىگە قۇلاق سېلىپ، لوپ ناھىيەلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىگە بېرىپ ئۆگىنىشكە قاتنىشىشقا تىزىملاتتى.

  تەلىم - تەربىيە مەركىزىگە كىرگەندىن كېيىن، ئوچۇق ئۆگىنىش، تۇرمۇش مەمەتئېزىزنىڭ ئىلگىرىكى بېكىنمە تۇرمۇشىغا تۈپتىن ئوخشىمىدى، ئۇ ئۆزىنىڭ ئەسلىدە دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى، بۇنداق كېتىۋەرسە، چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بىلىپ يەتتى.

  كىچىكىدىنلا ئۇسسۇل ئويناشنى ياخشى كۆرگەچكە، مەمەتئېزىز تەلىم - تەربىيە مەركىزىنىڭ ئۇسسۇل سىنىپىغا قاتنىشىشقا تىزىملاتتى. تۇنجى قېتىم ئۇسسۇل رېپېتىتسىيە زالىغا كىرىپ، ئازادە، يورۇق دەرسخانا، پارقىراق ياغاچ پول، پۈتۈن تامغا بىر كەلگەن چوڭ ئەينەك، مۇزىكىغا ئەگىشىپ ئۇسسۇلغا چۈشكەن تەن ۋە روھتىكى خۇشاللىق، ئۇنى بىردىنلا ئۇسسۇل دەرسىگە مەپتۇن قىلىۋالدى.

  پەي سوزۇش، پۇتنى بېسىش، بەلنى ئېگىش، بۇ ئاساسىي ھەرىكەتلەرنى مەمەتئېزىز ھەر قېتىم ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن مەشىق قىلدى. ئەڭ دەسلەپتە ئۇسسۇل ئۆگەنگەندە، يۇقىرى سىجىللىقتىكى مەشىقتىن ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنى ئاغرىپ ئۇخلىيالماي قالدى، لېكىن ئۇ چىشىنى چىشلەپ بەرداشلىق بەردى، ئەسلىدىكى 80 كىلوگىرامدىن ئارتۇق بەدەن ئېغىرلىقى 72 كىلوگىرامغا چۈشۈپ قالدى، بىردىنلا ئورۇقلاپ، روھلىنىپ قالغاندەك بولدى، تېخىمۇ كېلىشكەن بولۇپ كەتتى.

  تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە، مەمەتئېزىز نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتتى، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى، قانۇن بىلىملىرىنى ئۆگەندى. ئۇسسۇل ئويناش ئارتۇقچىلىقىغا تايىنىپ ئۇ تەربىيەنى تاماملىغاندىن كېيىن لوپ ناھىيەلىك سەنئەت ئۆمىكىگە كىرىپ، كەسپىي ئۇسسۇل ئارتىسى بولدى.

  تاماشىبىنلارنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشى ئەڭ چوڭ ئىلھام

  بۈگۈنكى كۈندە، سەنئەت ئۆمىكى كەچلىك بازاردىكى پۇقرالار سەھنىسىدە ئويۇن قويۇپلا قالماي، يەنە ناھىيەدىكى نۇرغۇن مەدەنىيەت ئويۇنلىرىغا قاتناشتى. خوتەن شەھىرىدىكى بىر قىسىم پائالىيەتلەرگىمۇ بۇ سەنئەت ئۆمىكى قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىندى. دائىم ئويۇن قويۇپ تۇرغاچقا، مەمەتئېزىز ناھىيە بازىرىدىكى تونۇش چىرايغا ئايلاندى. «بەزىدە كوچىدا كېتىۋاتسام، باشقىلار تونۇپ قالاتتى، خۇددى ئۆزۈمنى چولپانلارغا ئوخشاش ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالدىم» دېدى مەمەتئېزىز كۈلۈپ تۇرۇپ.

  ھەر كۈنلۈك كەچلىك بازاردىكى ئويۇننىڭ ناھايىتى كەچ ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى ئويلىشىپ، سەنئەت ئۆمىكى ئۆيى بىرقەدەر يىراقراق ئارتىسلارغا ناھىيە بازىرىدىن ئۆي ئورۇنلاشتۇرۇپ، كۆپچىلىكنىڭ ئەندىشىسىنى تۈگەتتى. تۇرالغۇ جاي بولغاندىن كېيىن، مەمەتئېزىز خوتۇنى ۋە بالىسىنى ئېلىپ كەلدى، بالىسىمۇ ناھىيە بازىرىدىكى مەكتەپكە ئوقۇشقا كىردى.

  «ناھىيە بازىرىنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتى ياخشى، بالىلار تېخىمۇ ياخشى تەربىيەنى قوبۇل قىلالايدۇ.» مەمەتئېزىز مۇنداق دېدى: تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە تەربىيەنى تاماملىغاندىن كېيىن، مەن مائارىپنىڭ مۇھىملىقىنى بىلىپ يەتتىم، بالامنى ياخشى ئوقۇتىمەن. «مەن بۇرۇن مەكتەپتە ياخشى ئوقۇيالمىغان، ھازىر بەك پۇشايمان قىلىمەن».

  ھازىر، مەمەتئېزىز ھەر كۈنى ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئىشنى قىلالايدۇ. بەزىدە مەشىق قىلىش بەك جاپالىق، لېكىن سەھنىگە چىقىپ، تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىنى ئاڭلىسىلا، ئۇ بارلىق تارتقان جاپاسىنىڭ ئەرزىيدىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. ئۇسسۇل ئوينىغاندىن باشقا، مەمەتئېزىز ناخشا ئېيتىشقىمۇ بەك قىزىقىدۇ، يەنە كېلىپ ناخشىنى يامان ئەمەس ئېيتىدۇ. ئۇ ناخشا - مۇزىكا بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ، كەسپىي ئاۋاز چىقىرىشنى مەشىق قىلىشقا باشلىدى.

  «تاماشىبىنلارنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشى ماڭا بېرىلگەن ئەڭ چوڭ ئىلھام، بۇنىڭدىن كېيىن مەن ئويۇن قويۇش سەۋىيەمنى تىرىشىپ ئۆستۈرىمەن، پۇرسەت بولسا تېخىمۇ چوڭ سەھنىلەرگە چىقىپ ئويۇن قويىمەن» دېدى مەمەتئېزىز تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ