مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«مەن شىنجاڭنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ھېس قىلدىم»

2020.01.16 15:24 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  گېزىتىمىزنىڭ پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جيا چۇنشيا

  «مەن دائىم مەكتەپنىڭ كۇتۇپخانىسى ياكى ئاشخانىسىدا ئوخشاش بولمىغان مىللەتتىن بولغان ساۋاقداشلارنىڭ بىللە ئۆگىنىش قىلىۋاتقانلىقىنى، تاماق يەۋاتقانلىقىنى كۆرىمەن، كۆپچىلىك بىللە شاد - خۇراملىققا تولۇپ، ئىنتايىن ئىناق ئۆتىدىكەن» دېدى 2019 - يىلى 12 - ئاينىڭ 22 - كۈنى قىرغىزىستاندىن كەلگەن چەت ئەللىك ئوقۇغۇچى ئۇلانبېكىۋا جامال.

  بۇ يىل 24 ياشقا كىرگەن ئۇلانبېكىۋا جامال شىنجاڭ سىفەن داشۆ سودا شۆيۈەنى خەلقئارا ئىقتىساد ۋە سودا كەسپىنىڭ ئاسپىرانتى بولۇپ، خەنزۇچە ئىسمى لى جيامېڭ. ئۇ مۇنداق دېدى: «شىنجاڭدا ئوقۇغان، تۇرمۇش كەچۈرگەن تۆت يىلدا مەندە بۇ يەرگە نىسبەتەن چوڭقۇر مۇھەببەت پەيدا بولدى، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم». «شىنجاڭغا كېلىشتىن بۇرۇن، مەن قۇملۇقنى كۆرۈپ باقمىغانىدىم، شۇڭا دوستلار بىلەن بىللە ئۈرۈمچىگە بىر قەدەر يېقىن بولغان قۇمتاغ قۇملۇقىغا باردىم. قۇملۇقنىڭ ھەيۋەتلىك مەنزىرىسىنى كۆرۈپ، ناھايىتى ھەيران قالدىم» دېدى ئۇلانبېكىۋا جامال چىن كۆڭلىدىن زوقلىنىپ.

  ئۇلانبېكىۋا جامالدا ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغىنى 2017 - يىلى 5 - ئايدا، ئۇنىڭ ساۋاقداشلىرى بىلەن بىللە قومۇلغا بېرىپ «جۇڭگونى ھېس قىلىش» پائالىيىتىگە قاتناشقانلىقى بولدى. «شۇ چاغدا بىز قومۇل مۇزېيى، قومۇل مۇقاملىرىغا ۋارىسلىق قىلىش مەركىزى ھەمدە قومۇل كەشتىچىلىكى قاتارلىقلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، مىللىي خاسلىققا ئىگە ئىمارەت، مەدەنىيەت ۋە سەنئەتنى يېقىن ئارىلىقتىن چۈشەندۇق. ئائىلەمدىكىلەرنىڭ شىنجاڭغا كېلىشنى ئويلاۋاتقىنىغا خېلى بولغانىدى، مەن بۇ قېتىمقى سەپەر تەسىراتىمنى ئۇلارغا ئېيتىپ بەردىم، يەنە سۈرەتلەرنى ئەۋەتىپ بەردىم» دېدى ئۇلانبېكىۋا جامال.

  شىنجاڭدا تۆت يىل تۇرمۇش كەچۈرۈپ، مەيلى تۇرمۇش مۇھىتى ياكى يېمەك - ئىچمەكتە بولسۇن، ئۇلانبېكىۋا جامال ئىنتايىن كۆنۈپ كەتتى. ئۇ يەرلىكتىن بىر قىسىم دوستلارنى تۇتتى، ۋاقتى بولسىلا دوستلىرى بىلەن بىللە تاماق يېدى، ئۇنىڭ ئېسىدىن چىقمايدىغىنى سانجىدىكى خۇيزۇلار ئۇششاق يېمەكلىكلەر كوچىسىدىكى مەززىلىك تائاملار ئىدى.

  «ئۇ يەردە راڭپىزا، جياۋماجى قاتارلىق مەززىلىك تائاملارنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ» دېدى ئۇلانبېكىۋا جامال.

  ئۈرۈمچىدە ئېگىز بىنالار قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، مېترو ئايروپورتقا تۇتاشتۇرۇلغان بولۇپ، قاتناش ناھايىتى قولايلىق ئىكەن. خەنزۇ مىللىتى، ئۇيغۇر مىللىتى، قىرغىز مىللىتى قاتارلىق ھەرقايسى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ، ئالاھىدە ياخشى ئۆتىدىكەن. ئۇلانبېكىۋا جامالنى ناھايىتى تەسىرلەندۈرگىنى، ئاممىۋى ئاپتوبۇستا مەيلى قايسى مىللەتتىن بولسۇن، ياشلارنىڭ ياشانغانلارغا ئورۇن بوشىتىپ بېرىدىغانلىقى؛ كەچتە كىشىلەرنىڭ خۇش تەبەسسۇم بىلەن مەيداندا ئۇسسۇل ئويناپ كەيپىياتنىڭ ئىنتايىن قىزىپ كېتىدىغانلىقى بولدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچىدىن ئىبارەت ناھايىتى بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە بۇ شەھەرنى بارغانسېرى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىنى ئېيتتى.

  جۇڭگونى ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلانبېكىۋا جامال ئۆزىگە خەنزۇچە ئىسىم قويغان. «مېنىڭ ئىسمىم بەك ئۇزۇن، ئاسان ئەستە قالمايدۇ. مەن <جيامېڭ>نىڭ ئىسمىم بىلەن بىرقەدەر يېقىن ئىكەنلىكىنى بايقىدىم. مەن يەنە <لى> نىڭ جۇڭگودىكى چوڭ فامىلە ئىكەنلىكىنى بىلىمەن، شۇڭا بۇ ئىسىمنى قويدۇم» دېدى ئۇلانبېكىۋا جامال.

  ھەر يىلى قىشلىق، يازلىق تەتىلدە ئۆيىگە قايتقاندا، ئۇلانبېكىۋا جامال شىنجاڭنىڭ بىر قىسىم ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ. 2019 - يىلى 12 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ھەپتە ئاخىرى بولۇپ، ئۇ ئەتىگەندىلا ساۋاقداشلىرى بىلەن بىللە سودا سارايغا بېرىپ ئائىلىسىدىكىلەرگە يېڭى يىللىق سوۋغات تاللىدى. «مەن شىنجاڭنىڭ ئەتلەس شارپىسىنى ئالاھىدە ياخشى كۆرىمەن، ھەر قېتىم ئۆيگە قايتقاندا تۇغقانلىرىمغا ئېلىۋالىمەن. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە قۇرۇق ئۈزۈم قاتارلىق شىنجاڭنىڭ قۇرۇق مېۋىلىرىنى سېتىۋالىمەن، تۇغقانلىرىمنىڭ ھەممىسى بەك ياخشى كۆرىدۇ».

  «شىنجاڭ ناھايىتى ياخشى تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئىگە، ئەگەر كېيىن ياخشى خىزمەت پۇرسىتى بولسا، مېنىڭ شىنجاڭدا قېلىپ ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى قىلغۇم بار» دېدى ئۇلانبېكىۋا جامال.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ