مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

2019 - يىللىق ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار پارتگۇرۇپپا (پارتكوم) شۇجىلىرىنىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇش خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلاتىنى باھالاش - تەكشۈرۈش يىغىنى ئېچىلدى

2020.01.16 15:24 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىمىز لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 13 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 2019 - يىللىق بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار پارتگۇرۇپپا (پارتكوم) شۇجىلىرىنىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇش خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلاتىنى باھالاش - تەكشۈرۈش يىغىنى ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇۋەققەت باش كاتىپ سارقىت ئاقان يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. 13 تارماق، ئورۇننىڭ پارتگۇرۇپپا (پارتكوم) شۇجىلىرى يىغىندا خىزمىتىدىن دوكلات بەردى، قالغان تارماق، ئورۇنلارنىڭ پارتگۇرۇپپا (پارتكوم) شۇجىلىرى خىزمىتىدىن يازما دوكلات بەردى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشى ئورگان قۇرۇلۇشىنىڭ تۈپ كاپالىتى. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتى، بۇرچ ۋەزىپىسى، ئاساسىي پىرىنسىپى، نۇقتىلىق ۋەزىپىسى ۋە كاپالەت تەدبىرلىرىنى چوڭقۇر تونۇپ ۋە ئىگىلەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى - تەلىپى بويىچە، ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشىغا بولغان رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتى، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتى، نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتى، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تىرىشىپ ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى خۇلاسە يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى خۇلاسە يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشىدا گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇش، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كۈچەپ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا ئۈلگە بولۇپ، باشتىن - ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاشتا ئۈلگە بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ئۈلگە بولۇپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش»تىن ئىبارەت پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ بۇ مەڭگۈلۈك تېمىسى، پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنىڭ بۇ ئۆمۈرلۈك تېمىسىنى دائىم تۇتۇش، دائىم يېڭىلاپ تۇرۇشقا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئورگانلارنىڭ پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئورگانلىرى ئاساسىي قاتلام تەشكىلات خىزمىتى نىزامى»نى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۈلپەت ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى بىلەن كەسىپتىن ئىبارەت «ئىككى ياقلىمىلىق» مەسىلىسى، ياچېيكا ئاساسى ئاجىز بولۇش مەسىلىسى ھەمدە بەلگىلىمە بولسىمۇ ئەمەل قىلماسلىق، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كۈچلۈك بولماسلىق مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى «چىراغ تۈۋى قاراڭغۇ بولۇش»نى قەتئىي تۈزەپ، ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشى بىلەن كەسپىي خىزمەتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا، ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىستىل قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت ئۇزاققا سوزۇلغان جەڭنى ياخشى قىلىپ، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ كۈندىلىك نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنى چىڭىتىپ، تىرىشىپ ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئورگان قۇرۇش كېرەك. مەسئۇلىيەت تۈزۈمىدىن ئىبارەت بۇ «مۇھىم تۇتقا»نى چىڭ تۇتۇپ، رەھبەرلىك تۈزۈلمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، كاپالەت تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى تۇتىدىغان ئادەم بولۇشقا، باشقۇرىدىغان ئادەم بولۇشقا، ئومۇميۈزلۈك، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، تىرىشىپ پارتىيە ۋە خەلق رازى بولىدىغان نەمۇنىلىك ئورگان قۇرۇش كېرەك.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن سو يۆ، ماغاۋ سېيىتقامزا، ياڭ يۇڭ يىغىنغا قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ