مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يېڭى دەۋردە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىزچىل ئالغا سىلجىتىمىز

2020.01.16 15:21 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما مۇنداق بىلدۈردى −

  يېڭى دەۋردە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىزچىل ئالغا سىلجىتىمىز

  گېزىتىمىزنىڭ پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاۋ جىيۈن

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە «قاتتىق» بولۇشتىن ئىبارەت ئاساسىي رىتىمدا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇتلەق غەلىبىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش، راۋاجلاندۇرۇش مۇھىم سىگنالى تارقىتىلدى. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىمىز.

  ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش

  «ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى سىياسىي ئورگان، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك ۋە دۆلەت مەمۇرىي تەپتىشلىكىگە مەخسۇس مەسئۇل ئورگان بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۈزلۈكسىز تۈردە سىياسىي نازارەت قىلىش، كاپالەتلىك قىلىش تۈزۈمىنى ئىجرا قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.» بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇۋەققەت مۇدىرى شيې شاۋدى مۇنداق بىلدۈردى: دىققەتنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش ۋەزىپىسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ پۈتۈن كۈچلەرنى جەڭگە ئاتلاندۇرۇش، ئىشتا نەتىجە قازىنىشقا ماھىر بولۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ھوقۇقنىڭ توغرا يولدا يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىمىز.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى زۇلپىيە ئىسمايىل مۇنداق دېدى: «تۈزۈمنىڭ نوپۇزىنى قوغداش، تۈزۈمنى ئىجرا قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرىنىڭ مۇھىم ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتى. بىز ئەمەلىيەتكە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي تەدبىر بەلگىلەپ، ئىجرا قىلىشنى نازارەت قىلىش، كاپالەتلەندۈرۈش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، مۇكەممەللەشتۈرۈش فۇنكسىيەلىك رولىمىزنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەيمىز».

  ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى مەركەزلىك ياخشى ھەل قىلىش

  «خەلقنى مەركەز قىلغان خىزمەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئېسىل ئىستىل ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش كېرەك.» ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى سىياسەت، قانۇن - نىزام تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش - رېۋىزىيە خادىمى خۇ ۋېنجۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: «قاتتىق» بولۇشتىن ئىبارەت ئاساسىي رىتىمنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، سىياسىي نازارەتچىلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يولۋاسنىمۇ، چىۋىننىمۇ تەڭ يوقىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى مەركەزلىك ياخشى ھەل قىلىش كېرەك.

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە نامرات رايونلاردىكى ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان، ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى مەركەزلىك ياخشى ھەل قىلىش ئالاھىدە تىلغا ئېلىندى. باغراش ناھىيەسىنىڭ بۇمبۇت بازىرى ماڭنەن چاغان كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى شياۋ جىنگاڭنىڭ بۇ ھەقتىكى تەسىراتى ئىنتايىن چوڭقۇر، ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنىڭ پۇختا قانات يايدۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ئاشتى، پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنىڭ ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش ئېڭى بارغانسېرى كۈچەيدى، ئامما بەھرىلىنىشكە تېگىشلىك سىياسەتلەر قىلچە ئازايمىدى، ھازىر ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ئىشلارنى باشقۇرىدىغان ئادەم بار، مەنپەئىتىنى قوغدايدىغان ئادەم بار، تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ!

  چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان، چىرىكلىشەلمەيدىغان، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان بولۇشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىش

  «پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشى قانۇنىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان، چىرىكلىشەلمەيدىغان، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان بولۇشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك.» يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ تەكلىپلىك رېۋىزورى، شىنجاڭ خۇڭفەن بىيو پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى جيا چياڭچياڭ مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن ئاممىنىڭ نازارەت قىلىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئەتراپىمدىكى «ئاچ كۆز چىۋىن»لەرنى قەتئىي پاش قىلىپ، ئىنكاس قىلىپ، قاتتىق، ئۈنۈملۈك نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىنىڭ باھار يامغۇرىدەك خەلق تۇرمۇشىغا ئۈن - تىنسىز ھاياتىي كۈچ بەخش ئېتىشى، ئۇنى ئوزۇقلاندۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن كۈچ قوشىمەن.

  خېجىڭ ناھىيەسى ئالغۇ يېزىلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى ليۇ خەيلۇڭ مۇنداق دېدى: ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى ھەم پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ پۇت تىرەپ تۇرۇش نۇقتىسى، شۇنداقلا ئامما بىلەن ئالاقە باغلاش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى ئاچقۇچلۇق نۇقتا. پارتكومنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ، ھەقىقىي كارغا كېلىدىغان تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئالاقىدار تۈزۈملەرنى ئورنىتىپ، ئەمەلىي، كارغا كېلىدىغان ئەمەلىي تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، نەپسىنى يىغماسلىق، قولىنى تارتماسلىقتەك ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپ مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى قاپلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ