مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئالدىنقى توققۇز ئايدا شىنجاڭدا 180 مىليون ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋېلىندى

304 مىليارد 638 مىليون يۈەن ساياھەت كىرىمى يارىتىلىپ، تارىختىكى يېڭى قوش يۇقىرى رېكورت يارىتىلدى

2019.10.08 16:00 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-ئاينىڭ 5-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل 1- ئايدىن 9-ئايغىچە، شىنجاڭدا كۈتۈۋېلىنغان دۆلەت ئىچى، سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچى 183 مىليون 858 مىڭ 400 ئادەم قېتىم بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %40.90 ئاشقان؛ يارىتىلغان ساياھەت كىرىمى 304 مىليارد 638 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %40.78 ئېشىپ، تارىختىكى يېڭى قوش يۇقىرى رېكورت يارىتىلغان، 2018-يىلىدىكى پۈتۈن يىللىق ساياھەتچى كۈتۈۋېلىش مىقدارى ۋە ساياھەت كىرىمى مۇددەتتىن ئۈچ ئاي بۇرۇن قوش ئاشۇرۇلغان.

  2018-يىلى، شىنجاڭدا كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 150 مىليون 248 مىڭ 900 ئادەم قېتىم بولۇپ، 257 مىليارد 971 مىليون يۈەن ساياھەت كىرىمى يارىتىلىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم %40.09، %41.59 ئاشقان.

  شىنجاڭ بۇ يىل جەمئىيەت مۇقىملىقى پايدىسىدىن داۋاملىق ياخشى ھەم تولۇق پايدىلىنىپ، ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، ساياھەت تەرەققىياتىنى چەكلەۋاتقان چەكلىمىلەرنى بۇزۇپ تاشلاپ، ساياھەتچىلىك كەسپىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ساياھەتچىلىك كەسپىنىڭ شىددەت بىلەن تەرەققىي قىلىش ۋەزىيىتىنى ساقلاپ قالدى. ئالدىنقى سەككىز ئايدا، كۈتۈۋېلىنغان دۆلەت ئىچى، سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچى 149 مىليون 280 مىڭ ئادەم قېتىم بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %40.91 ئاشتى؛ 242 مىليارد 913 مىليون يۈەن ساياھەت كىرىمى ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %41.28 ئاشتى.

  9-ئايدىن بۇيان، شىنجاڭ كۈز ھاۋاسى يېقىشلىق، رەڭدار پەسىلگە كىرىپ، زور تۈركۈمدىكى ساياھەتچىنى كېلىپ سەيلە-ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلدى، بۇنىڭغا قوشۇلۇپ ھەرقايسى جايلاردا ئۆتكۈزۈلگەن مول مەزمۇنلۇق ساياھەت بايرىمىلىق تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئاۋات بولۇپ، ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى، مەسىلەن: جوڭچيۇ بايرىمىلىقلىق قىسقا دەم ئېلىش، جۇڭگو دېھقانلار مول ھوسۇل بايرىمىنىڭ ئالدى-كەينىدە، ھەرقايسى جايلاردا ئۆتكۈزۈلگەن ئاي تاماشىسى، مول ھوسۇل بايرىمى پائالىيەتلىرىدە ئېسىل نومۇرلار ئۈزۈلمەي ئۆتكۈزۈلۈپ، ساياھەتچى كۈتۈۋېلىش مىقدارى، ساياھەت كىرىمىنىڭ زور دەرىجىدە ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى. 9- ئايدا، پۈتۈن شىنجاڭدا جەمئىي كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 34 مىليون 569 مىڭ 600 ئادەم قېتىم بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %40.86 ئاشتى؛ 61 مىليارد 725 مىليون يۈەن ساياھەت كىرىمى يارىتىلىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %38.94 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، خوتەن، ئاقسۇ، قەشقەر، تارباغاتاي، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردا كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى مىقدارىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئېشىش نىسبىتى %50تىن ئېشىپ كەتتى، خوتەندە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى سانىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئېشىش نىسبىتى %171.32كە يەتتى.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك كىشى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 10-ئاي كىرىشى بىلەن، ئالتۇن كۈزدە توغراقنى تاماشا قىلىش ئاساس قىلىنغان كۈزلۈك ساياھەت زور تۈركۈمدىكى ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى، بۇنىڭغا قوشۇلۇپ دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش ساياھىتىنىڭ كۈچلۈك تۈرتكىسىدە، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ كۈچلۈك تەرەققىياتى يەنە داۋاملىشىدۇ، مۆلچەرلىنىشىچە، 10-ئايدىكى ساياھەتچى كۈتۈۋېلىش مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن يەنىلا مۇقىم ئېشىپ، ساياھەتچى كۈتۈۋېلىش مىقدارىنىڭ 19 مىليون ئادەم قېتىمغا يېتىشىدىن، ساياھەت كىرىمىنىڭ 44 مىليارد يۈەنگە يېتىشىدىن ئۈمىد بار ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ