جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى

تيەنئەنمېن مەيدانىدا كاتتا ھەربىي پارات ۋە ئاممىۋى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى ھەم پاراتتىن ئۆتكەن قىسىملارنى كۆزدىن كەچۈردى، لى كېچياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن، جياڭ زېمىن، خۇ جىنتاۋ قاتناشتى

2019.10.02 13:31 مەنبە: خەلق تورى

  10-ئاينىڭ 1-كۈنى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى بېيجىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سەلتەنەتلىك 70 يىل، كۈرەشچان يېڭى دەۋر. 10-ئاينىڭ 1-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى بېيجىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى، 200 مىڭدىن ئارتۇق ئارمىيە، خەلق كاتتا ھەربىي پارات ۋە ئاممىۋى نامايىش ئارقىلىق جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى ھەم پاراتتىن ئۆتكەن قىسىملارنى كۆزدىن كەچۈردى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ تەبرىكلەش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ كومىتېت باشلىقى لى جەنشۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاۋ لېجى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ چىشەن قاتناشتى.

  دۆلەت بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، جۇڭگو زېمىنىدىكى گۈزەل تاغ- دەريالار، پۈتۈن خەلق شاد-خۇراملىققا چۆمۈپ، پايتەخت بېيجىڭ گۈل-گىياھلار بىلەن قاپلىنىپ، بايراقلار جەۋلان قىلدى.

  كۆپكۆك ئاسماندا قۇياش نۇرى جۇلالىنىپ، تيەنئەنمېن راۋىقى ھەيۋەتلىك كۆرۈنەتتى. راۋاق قىزىل تېمىنىڭ ئوتتۇرىسىغا يولداش ماۋ زېدۇڭنىڭ چوڭ رەڭلىك سۈرىتى ئېسىلغانىدى. راۋاقنىڭ لەمپىسى ئاستىدىكى سەككىز قىزىل پانۇس كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ، شەرق-غەرب سۇپىسىدىكى سەككىز قىزىل بايراق شامالدا لەپىلدەپ، خۇشال بايراملىق كەيپىياتنى نامايان قىلىپ تۇراتتى.

  تيەنئەنمېن مەيدانىدا چوڭ تىپتىكى «قىزىل لېنتا» باش تېما مەنزىرە ھەيكىلى ھەيۋەتلىك، جانلىق بولۇپ، قىزىل گېننىڭ تارىخنى، رېئاللىقنى، كەلگۈسىنى باغلاپ تۇرىدىغانلىقىغا سىمۋول قىلىنغانىدى. خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارىنىڭ ئالدىغا ئۇلۇغ ئىنقىلابىي ئاۋانگارت سۇن جۇڭشەن ئەپەندىنىڭ رەسىمى تىكلىنىپ، غايەت زور «دۆلەت بايرىمى» «1949» «2019» دېگەن ئىستېرېئولۇق خەتلەر كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى.

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دىن 57 مىنۇت ئۆتكەندە، شادىيانە مۇزىكا ئاۋازى ئىچىدە، شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى تيەنئەنمېن راۋىقىنىڭ رەئىس سەھنىسىگە كېلىپ، مەيداننىڭ كۆرۈش مۇنبىرىدىكى ھەر ساھە ۋەكىللىرىگە قول پۇلاڭلىتىپ ئېھتىرام بىلدۈردى. پۈتۈن مەيداندا گۈلدۈراس ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

  تيەنئەنمېن مەيدانىدىكى چوڭ تىپتىكى ئېلېكتىرونلۇق ئېكراندا سائەتنىڭ كۆرۈنۈشى پەيدا بولدى. 1949، 1959، 1969... 2019، سائەتنىڭ تەۋرىنىشىگە ئەگىشىپ، يىل سانلىرى بىر-بىرلەپ كۆرۈندى. سائەت قوڭغۇرىقى چېلىنىپ، دەل 10 بولغاندا، تەبرىكلەش يىغىنى باشلاندى.

  ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇردى، 70 پاي ھۆرمەت توپى ئېتىلىپ جاھاننى لەرزىگە سالدى، دۆلەت بايرىقى قوغدىغۇچى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى قوغداپ مەزمۇت قەدەم تاشلاپ، خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارىدىن مەيداننىڭ شىمالىدىكى بايراق چىقىرىش رايونىغا كەلدى. جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى بىرلەشمە ھەربىي ئوركېستىرى ھەيۋەتلىك «پىدائىيلار مارشى»نى ياڭراتتى، پۈتۈن مەيداندىكىلەر بىرلىكتە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئۈنلۈك ئوقۇدى، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ئاستا-ئاستا كۆتۈرۈلۈپ، تيەنئەنمېن مەيدانى ئاسمىنىدا جەۋلان قىلدى.

  ئارقىدىن، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ ئالدى بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن مىللىي مۇستەقىللىق ۋە خەلقنىڭ ئازادلىقى، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ۋە خەلقنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپە قوشقان بارلىق ئىنقىلابىي ئەجدادلار ۋە ئىنقىلابىي قۇربانلارنى چوڭقۇر ياد ئەتتى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق ۋە دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ۋەتەنپەرۋەر قېرىنداشلارنى قىزغىن تەبرىكلىدى، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلگەن ۋە قوللىغان ھەرقايسى دۆلەت دوستلارغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى.

  شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: 70 يىل ئىلگىرىكى بۈگۈنكى كۈندە، يولداش ماۋ زېدۇڭ بۇ يەردە دۇنياغا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنى تەنتەنىلىك جاكارلىدى، جۇڭگو خەلقى شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئورنىدىن دەس تۇردى. بۇ ئۇلۇغ ئىش يېقىنقى زاماندىن كېيىنكى 100 نەچچە يىلدا جۇڭگونىڭ نامرات، ئاجىز، باشقىلارنىڭ بوزەك قىلىشىغا ئۇچرايدىغان ئېچىنىشلىق تەقدىرىنى تەلتۆكۈس ئۆزگەرتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى روياپقا چىقىرىدىغان ئۇلۇغۋار يولدا ماڭدى. 70 يىلدىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە جاپالىق كۈرەش قىلىپ، دۇنيا باشقىچە كۆز بىلەن قارايدىغان ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشتى. بۈگۈن، سوتسىيالىستىك جۇڭگو دۇنيانىڭ شەرقىدە ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا، ھەرقانداق كۈچ ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ ئورنىنى تەۋرىتەلمەيدۇ، ھەرقانداق كۈچ جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئىلگىرىلەش قەدىمىنى توسۇيالمايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىلگىرىلەش مۇساپىسىدە بىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، خەلقنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىدا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئىجرا قىلىپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇپ، يېڭى تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى ئۈزلۈكسىز يارىتىشىمىز كېرەك. بىز «تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈش، بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئۇزاققىچە گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاپ، دېڭىز بوغۇزىنىڭ ئىككى قىرغىقى مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بارلىق جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ۋەتەننىڭ تولۇق بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك. بىز تىنچ تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىش ئاساسىدىكى ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەل خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق قۇرۇشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ۋە خەلق قوراللىق ساقچى خەلق ئارمىيەسىنىڭ خاراكتېرى، ئاساسىي مەقسىتى، ئەسلىي قىياپىتىنى مەڭگۈ ساقلاپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى، تەرەققىيات مەنپەئەتىنى، دۇنيا تىنچلىقىنى قەتئىي قوغدىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگونىڭ تۈنۈگۈنى ئىنسانىيەت تارىخىغا يېزىلغان، جۇڭگونىڭ بۈگۈنى مىليونلىغان خەلقنىڭ قولىدا يارىتىلىۋاتىدۇ، جۇڭگونىڭ كەلگۈسى چوقۇم تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، خەلق جۇمھۇرىيىتىمىزنى داۋاملىق ياخشى مۇستەھكەملەپ، ياخشى راۋاجلاندۇرۇپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  تۆۋەندىكى سۈرەتتە: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ پاراتتىن ئۆتكەن قىسىملارنى كۆزدىن كەچۈرمەكتە.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ