مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاپتونوم رايونىمىز ئۆپكە تۇبېركۇليۇز كېسىلىنىڭ دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش - كونترول قىلىش خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتتى

2019.10.08 14:38 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىدىن پۇختا، ياخشى پايدىلىنىپ

  ئاپتونوم رايونىمىز ئۆپكە تۇبېركۇليۇز كېسىلىنىڭ دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش - كونترول قىلىش خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتتى

  گېزىتىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال خەۋىرى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۇبېركۇليۇز كېسىلى ئاغرىقلىرىنى قۇتقۇزۇش، داۋالاش مەسىلىسىنى كۈچەپ ياخشى ھەل قىلىشنى باش تېما تەربىيەسىدە بېكىتكەن «3+3+1» تىكى ئەمەلىي ئىشلارنىڭ بىرى قىلىپ، ھەر دەرىجىلىك سەھىيە - ساغلاملىق تارماقلىرىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەن بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىپ، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش، ئومۇميۈزلۈك داۋالاش، داۋالاشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق داۋالاش، مەركەزلەشتۈرۈپ ئايرىپ داۋالاش قاتارلىق بىر قاتار ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئۆپكە تۇبېركۇليۇز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش خىزمىتىنىڭ ئاساسىي قاتلامغىچە ئۇزارتىلىشى، چوڭقۇرلاپ راۋاجلىنىشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ماھىيەتتىن تۈزەش مېخانىزمى ئورنىتىشنى كۆزلەپ، يىلتىزىدىن داۋالاش نىشانىغا يەتتى.

  2018- يىلىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايون 15 ياش ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى شىنجاڭلىق شەھەر - يېزا ئاھالىلىرى ۋە شىنجاڭلىق كۆچمە نوپۇسلارنىڭ ئۆپكە تۇبېركۇليۇز كېسىلى ئالامەتلىرىنى ئىلغاپ تەكشۈردى ۋە كۆكرەك قىسمىنى X نۇرىدا تەكشۈردى. بۇ يىل 8 - ئايغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا جەمئىي ئىلغاپ تەكشۈرۈلگەنلەر سانى 13 مىليون 971 مىڭ 200 بولدى.

  باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، بىر قىسىم جايلارنىڭ ئۆپكە تۇبېركۇليۇز كېسىلى ئاغرىقلىرىنىڭ داۋالىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش سەۋىيەسى تۆۋەن بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، ئاپتونوم رايون ھەرىكەتچان ھالەتتە ئۆپكە تۇبېركۇليۇزىنى ئامبۇلاتورىيەدە داۋالاتسا %100 ئاتچوت قىلىش، دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالاتسا %90 ئاتچوت قىلىش، كۆپ خىل دورىغا چىداملىق ئۆپكە تۇبېركۇليۇزىنى داۋالاش ھەققىنى چوڭ كېسەل كاپالىتىگە كىرگۈزۈشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئاتچوت قىلىش سىياسىتىنى قوللاندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونىمىز يەنە 13 تۈرلۈك ئۆپكە تۇبېركۇليۇز كېسىلىگە دىياگنوز قويۇش ۋە داۋالاش تۈرىنىڭ ھەممىسىنى ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا بىرمۇ ئۆپكە تۇبېركۇليۇز كېسىلى ئاغرىقى كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كەتمىدى، كېسەل سەۋەبىدىن قايتا نامراتلىشىپ كەتمىدى.

  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك سەھىيە - ساغلاملىق تارماقلىرى ۋە داۋالاش ئاپپاراتلىرى ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش خىزمىتىدىكى مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ تېپىپ، دەرھال تەكشۈرۈپ دەرھال تۈزىتىپ، ئۆپكە تۇبېركۇليۇز كېسىلى ئاغرىقلىرىنى يۇقۇملىنىش مەزگىلىدە مەركەزلەشتۈرۈپ ئايرىپ داۋالاش، يۇقۇملىنىش مەزگىلىدە بولمىغان ئاغرىقلارنى «مەركەزلەشتۈرۈپ دورا ئىچكۈزۈش+ئوزۇقلۇق ناشتىلىقى»دەك ئۆيىدە داۋالاش قاتارلىق بىر قاتار ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش سىياسەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدى. ھازىر ئۆپكە تۇبېركۇليۇز كېسىلى ئاغرىقلىرىنى تۇنجى قېتىم كېسەل كۆرسىتىش، دىياگنوز قويۇش، ئېنىق دىياگنوز قويۇش، دوكلات قىلىشتىن داۋالاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈشكىچە بولغان ۋاقىت ئىلگىرىكى ئوتتۇرىچە ئىككى ئايدىن بىر ھەپتىگە قىسقىراپ، «بالدۇر بايقاش، بالدۇر ئايرىش، بالدۇر داۋالاش» ئىشقا ئاشتى.

  بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى تەجرىبىخانا تەكشۈرۈش خادىملىرى ۋە ئاساسىي قاتلامدىكى داۋالاش خادىملىرىنى مەخسۇس تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، ئۆپكە تۇبېركۇليۇز كېسىلىنى تەكشۈرۈش ئىقتىدارى ۋە داۋالاش سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەكتەپلەردە تەشۋىقات خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، «كىچىكلەر چوڭلارنى يېتەكلەش» ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۆپكە تۇبېركۇليۇز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش بىلىملىرىنى بىلىش نىسبىتىنى ئۆستۈردى.

  قەشقەر ۋىلايىتى ئۆپكە تۇبېركۇليۇز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش خىزمىتىنى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە، ئاممىۋى خىزمەتكە ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىگە سىڭدۈرۈپ، 15 ياشتىن ئاشقانلار ئارىسىدا ئۆپكە تۇبېركۇليۇز كېسىلىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش، ئومۇميۈزلۈك داۋالاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، بىرى بايقالسا، بىرىنى داۋالاش، داۋالاپ ساقايتىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

  خوتەن شەھىرىدىكى ئۆپكە تۇبېركۇليۇز كېسىلىنى ئايرىپ داۋالاش نۇقتىسىدا، مىنەۋۋەر روزىتوختىنىڭ داۋالىنىش باسقۇچى يەنە بىر ئايدىن كېيىن ئاخىرلىشىدۇ. مىنەۋۋەر مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى ئىزچىل كېسىلىمنى زۇكام دەپ بىلىپ، خالىغانچە دورا يەپ، سالامەتلىكىمنى بارغانسېرى ناچارلاشتۇرۇۋاپتىمەن. بۇ يەردە دورىنى تەرتىپلىك يەيمەن، ھەر كۈنى يەنە 25 يۈەن تاماق پۇلى تولۇقلىمىسى بېرىدۇ، كالا سۈتى، تۇخۇم، مېۋە - چېۋىلەرنىڭ ھەممىسى بار بولۇپ، يەيدىغىنىمىزمۇ قۇۋۋەتلىك».

  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى سەھىيە - ساغلاملىق تارماقلىرى 1- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئۈنۈملۈك نەتىجىسىدىن پائال پايدىلىنىپ، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئۆپكە تۇبېركۇليۇز كېسىلىنىڭ دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش، ئۇنى داۋالاش باش−قۇرۇش - مۇلازىمەت سۇپىسىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇش تەجرىبىسىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قالغان ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى قوزغىتىپ قانات يايدۇرۇپ، سۈنئىي ئەقىل( AI )دىن پايدىلىنىپ، ئاغرىقلارغا يىراقتىن دىياگنوز قويۇش، داۋالاش، سانلىق مەلۇمات ئۇچۇرلىرىنى بىرتۇتاش توپلاش، داۋالاش ئۇچۇرلىرىدىن تولۇق ھەمبەھرىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش - باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى جۇڭگو كېسەللەرنى كونترول قىلىش مەركىزى تۇبېركۇليۇز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش كىلىنىكا مەركىزى، بېيجىڭ كۆكرەك كېسەللىرى دوختۇرخانىسى بىلەن يىراقتىن داۋالاش سۇپىسى قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى پائال ئۇدۇللاشتۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى تۇبېركۇليۇز كېسىلى كەسپىي تېخنىكا كۈچلىرىنى بىرىكتۈرۈپ، ناھىيە - ۋىلايەت - ئاپتونوم رايون - دۆلەتتىن ئىبارەت تۆت دەرىجىلىك داۋالاشنى بىرلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقى كىرگۈزۈپ، شىنجاڭنىڭ تۇبېركۇليۇز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش خىزمىتىگە مۇلازىمەت قىلدى.

  «بىز تىرىشىپ بىر يىلدىن ئىككى يىلغىچە بولغان ۋاقىتتا، بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۆپكە تۇبېركۇليۇز كېسىلىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتىنى كونترول قىلىشنى ئاساسىي جەھەتتىن پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىگە يېقىنلاشتۇرىمىز ياكى يەتكۈزىمىز» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇدىر مۇتەللىپ روزى.

  (مۇخبىرلىرىمىز چاۋ جىن، شيا چىڭ، ئاقسۇ مۇخبىرلار پونكىتىدىن رېن خۇڭفاڭ، قەشقەر مۇخبىرلار پونكىتىدىن پەن يەنيۈن، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نيۇ بىن يازغان)
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ