مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 66- قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئاچتى

2019.09.25 15:51 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  9- ئاينىڭ 23- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 66- قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئاچتى، يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ نازارەتچىلىك خىزمىتى، يەرلىك نىزام چىقىرىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش، ۋەكىللەرنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش، ۋەكىللەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش قاتارلىقلار تەتقىق قىلىندى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شاۋكەت ئىمىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نازارەتچىلىك خىزمىتىدە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە رەھبەرلىكى، خەلق ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش بىلەن دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، نازارەتچىلىك ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، ئاساسىي قانۇن، قانۇن - نىزاملارنىڭ ئومۇميۈزلۈك، ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەسىلىنى يۆنىلىش قىلىپ، نازارەتچىلىك مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈش، نازارەتچىلىك ئۇسۇلىنى ياخشىلاش، نازارەتچىلىك مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، نازارەتچىلىك ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە پائال ئىزدىنىپ، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ھەم نازارەت قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، ھەم نازارەت قىلىشقا ماھىر بولۇپ، نازارەتچىلىك خىزمىتىنىڭ نۇقتىسى ۋە سالمىقىنى توغرا ئىگىلەپ، خەلق قۇرۇلتىيى نازارەتچىلىك خىزمىتىنىڭ سۈپىتىنى، سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يېڭى دەۋردىكى يەرلىك نىزام چىقىرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى جەزمەن پۇختا ئىگىلەپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشنى نىزام چىقىرىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىدىكى ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئىزچىللاشتۇرۇپ، گەۋدىلەندۈرۈپ، يەرلىك پارتكوملارنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ زور سىياسەت، فاڭجېنلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى ئورۇنلاشتۇرمىسى، تەدبىرلىرىنى قانۇن بويىچە جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ماھىر بولۇش كېرەك. خەلق قۇرۇلتىيى ھەم ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ نىزام چىقىرىش خىزمىتىدىكى يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، نىزامنى ئىلمىي چىقىرىش، نىزامنى دېموكراتىك چىقىرىش، نىزامنى قانۇن بويىچە چىقىرىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەت قانۇنچىلىقىنىڭ بىردەكلىكى ۋە نوپۇزىنى قوغداپ، چىقىرىلغان ھەربىر تۈرلۈك نىزامنىڭ ئەمەلىيەت، خەلق، تارىخنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ۋەكىللەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىنى قوللاش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتى، خەلق ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇشىنىڭ مۇھىم نامايەندىسى، ۋەكىللەر ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، مۇلازىمەت ۋە كاپالەت خىزمىتى سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. خەلق ئاممىسى بىلەن زىچ ئالاقە باغلاشنى ۋەكىللىك ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتىكى ئاساسىي تەلەپ قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، خەلقنىڭ ساداسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، خەلقنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، خەلقنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداپ، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇپ، خەلقنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىش، ئىنكاسىغا جاۋاب قايتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ۋەكىللەرنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ۋەكىللەرنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ساپاسى ۋە مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، خەلقنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ