شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رېن خۇانىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە: 2019- يىللىق شىنجاڭنىڭ كارخانا ئىش ھەققى يېتەكچى چېكى يېقىندا دۆلەت ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن تەستىقلانغان ھەم رەسمىي چۈشۈرۈلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە، كارخانىلارنىڭ ئىش ھەققى ئۆستۈرۈش ئاساسىي ئۆلچەم چېكى %5، ئۆستۈرۈش يۇقىرى چېكى %8، تۆۋەن چېكى %2 بولىدىكەن.
ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئەمگەك مۇناسىۋىتى باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى سۈن رۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئىش ھەققى يېتەكچى چېكى يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيەسى، ئاھالە ئىستېمال باھاسى كۆرسەتكۈچى ھەمدە ئەمگەك - ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئادەم كۈچى تەننەرخى قاتارلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەرگە ئاساسەن بېكىتىلىدۇ، ئۇ كارخانىلارنىڭ ئىش ھەققىنى نورمال ئۆستۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتە يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، كارخانىلار بىلەن ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى كوللېكتىپ كېڭىشىشنى قانات يايدۇرۇشى ھەمدە كارخانىلارنىڭ ئىش ھەققى ئۆستۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆز ئەھۋالىغا قاراپ مۇۋاپىق بېكىتىشىنى پايدىلىق ئاساس بىلەن تەمىنلەيدۇ.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 2019- يىلى ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق كارخانىلارنىڭ ئىش ھەققى ئۆستۈرۈش ئاساسىي ئۆلچەم چېكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ پۇل بىلەن تۆلىنىدىغان ئوتتۇرىچە ئىش ھەققىنى %5 ئۆستۈرۈش ئىكەن. ئىشلەپچىقىرىش - تىجارىتى نورمال، ئىقتىسادىي ئۈنۈمى ئاشقان كارخانىلار ئاساسىي ئۆلچەم چېكى بويىچە بۇ يىللىق ئىش ھەققى ئۆستۈرۈشنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرسا بولىدىكەن.
ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق كارخانىلارنىڭ ئىش ھەققى ئۆستۈرۈش يۇقىرى چېكى (ئالدىن سىگنال بېرىش چېكى) ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ پۇل بىلەن تۆلىنىدىغان ئوتتۇرىچە ئىش ھەققىنى %8 ئۆستۈرۈش ئىكەن. ئىقتىسادىي ئۈنۈمىنىڭ ئېشىشى تېزرەك، ئىش ھەققى سەۋىيەسى تۆۋەنرەك كارخانىلار، «ئىككىدە تۆۋەن بولۇش» (ئىش ھەققى ئومۇمىي سوممىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئىقتىسادىي ئۈنۈمنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن تۆۋەن بولۇش؛ ئوتتۇرىچە ئىش ھەققىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئەمگەك ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمدارلىقىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن تۆۋەن بولۇش) پىرىنسىپىغا ئۇيغۇن كېلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش ھەققى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرسا بولىدىكەن.
ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق كارخانىلارنىڭ ئىش ھەققى ئۆستۈرۈش تۆۋەن چېكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ پۇل بىلەن تۆلىنىدىغان ئوتتۇرىچە ئىش ھەققىنى %2 ئۆستۈرۈش ئىكەن. ئىشلەپچىقىرىش - تىجارىتى ئاساسىي جەھەتتىن نورمال، ئىقتىسادىي ئۈنۈمى ناچارراق كارخانىلار تۆۋەن چەككە ئاساسەن ئىش ھەققىنى ئۆستۈرسە بولىدىكەن. ئىشلەپچىقىرىش - تىجارىتى نورمال بولمىغان، ئىقتىسادىي ئۈنۈمىنىڭ تۆۋەنلەش نىسبىتى بىرقەدەر چوڭ بولغان ياكى ئېغىر زىيان تارتقان كارخانىلاردا ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئىش ھەققى نۆللۈك ئاشۇرۇلسا ياكى مەنپىي ئاشۇرۇلسا بولىدىكەن، لېكىن كارخانىلارنىڭ نورمال ئەمگەك بىلەن تەمىنلەۋاتقان ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە بېرىدىغان ئىش ھەققى شۇ جاينىڭ ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى ئۆلچىمىدىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك ئىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭ 2001- يىلىدىن باشلاپ، ئۇدا 19 يىل ئاپتونوم رايوندىكى كارخانىلارنىڭ ئىش ھەققى يېتەكچى چېكىنى ئېلان قىلىپ كەلگەن. ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر مۇشۇ ئاساستا، ئۆز جايىنىڭ كارخانا ئىش ھەققى يېتەكچى چېكىنى ۋاقتىدا تۈزۈپ ئېلان قىلغان.