مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاپتونوم رايونىمىز باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى

باج تاپشۇرغۇچىلار سىياسەت پايدىسىدىن ھەقىقىي بەھرىلەندى

2019.05.30 11:08 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېينىڭ ئاپتونوم رايون ئاچقان باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىشكە مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز بىر قاتار باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سىياسەتلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۈنۈملۈك قوزغىتىپ، كارخانا ۋە باج تاپشۇرغۇچىلارنى سىياسەت پايدىسىدىن ھەقىقىي بەھرىلەندۈرگەن.

  باجنى كېمەيتىش جەھەتتە، بىرىنچى پەسىلدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق سىياسىتى بويىچە ئازايغان بېجى 596 مىليون يۈەن، شەخسلەر تاپاۋەت بېجىدا مەخسۇس قوشۇمچە تۇتۇپ قېلىش سىياسىتى بويىچە ئازايغان باج 139 مىليون يۈەن، قوشۇلما قىممەت بېجى باج نىسبىتى تەڭشىلىپ ئازايغان باج 1 مىليارد 455 مىليون يۈەن بولدى.

  ھەقنى تۆۋەنلىتىش جەھەتتە، ئاپتونوم رايونىمىز شەھەر، بازارلاردىكى خۇسۇسىي ئىگىلىكتىن باشقا ئورۇنلار ۋە خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى ئورۇنلار ۋەزىنلىك ھېسابلىغان تولۇق ئۆلچەملىك ئىشقا ئورۇنلاشقان خادىملارنىڭ ئوتتۇرىچە مائاشى بويىچە ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا تاپشۇرىدىغان شەخسىي ھەق تۈپ سانىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەن چېكىنى بېكىتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەر كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى، ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا تاپشۇرۇلىدىغان ھەقنىڭ ئۆلچىمىنى بىرتۇتاش ھەق تاپشۇرۇش تۈپ سانى بويىچە بېكىتتى، دۆلەت تەلەپ قىلغان ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تۈپ سانىنى تەڭشەش ۋەزىپىسى ئاپتونوم رايونىمىزدا ئەمەلىيلەشتى، مۆلچەرلىنىشىچە پۈتۈن يىلدا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى تاپشۇرۇش يۈكى 6 مىليارد 200 مىليون يۈەن ئەتراپىدا يېنىكلەيدىكەن.

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش، ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى ئېلىش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن، بۇ يىل 4- ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى «ئاپتونوم رايوننىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشنى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى بېسىپ تارقىتىپ، 2019- يىلى 5- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتىنىڭ يەنىمۇ تۆۋەنلىتىلگەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇردى.

  بۇ يىلنىڭ بېشىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايوندىكى باج تارماقلىرى باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىشنى باش تېما قىلىپ، بايلىقلارنى مۇجەسسەملەپ، كۈچنى توپلاپ، ئەمەلىي، چىڭ تەدبىرلەر ئارقىلىق باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش خىزمىتىنى تەكشى، مۇقىم ئالغا سىلجىتىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى؛ ئۇدا 6- يىلى «خەلققە قولايلىق باج بېجىرىش باھار شامىلى ھەرىكىتى»نى قانات يايدۇرۇپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىشنى چۆرىدەپ، تۆت چوڭ تۈردىكى، 54 ماددىلىق خەلققە قولايلىق باج بېجىرىش مۇلازىمەت تەدبىرى چىقاردى؛ رايونلار، باج تاپشۇرغۇچىلار، سىياسەتلەر پەرقلەندۈرۈلگەن باجنى كېمەيتىشنى ئىستاتىستىكا قىلىپ ھېسابلاش سىستېمىسىنى قۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭى سىياسەت ۋە كونا سىياسەتلەرنىڭ ئايلىنىش ئەھۋالىنىڭ مۇكەممەل ئىنكاس قىلىنىشىغا، يولغا قويۇلۇش نەتىجىسى ۋە ئۈنۈمىنىڭ تولۇق نامايان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر ئەي شىنلۇ مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە ھەرقايسى تارماقلار ماسلىشىپ ھەمكارلىشىپ، قەتئىي تۈردە باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىشتىكى مۇھىم، زور تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلارنى پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇپ، سىياسەتنى يولغا قويۇشتا ئەڭ ياخشى ئۈنۈم يارىتىشقا تىرىشىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ