مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئەگەر كۈچلۈك سوغۇق ھاۋا ئېقىمى كۆرۈلمىسە، مۇشۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا شىنجاڭ يازغا قەدەم قويىدۇ

2019.05.30 10:55 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 مۇخبىرىمىز يۈ مېڭفەن خەۋىرى: قىزىل قۇم تاۋۇز، راھەت تۇيغۇ بېرىدىغان بورا، ياز ئايلىرىغا تەۋە بۇ نەرسىلەر پات ئارىدا سىز بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ. 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ھاۋارايى ئىستانسىسىدىن ئىگىلىشىچە، مۇشۇ ھەپتىنىڭ باشلىنىشىدا سوغۇق ھاۋا ئېقىمى ئازراق تەسىر كۆرسەتكەندىن كېيىن تېمپېراتۇرا ئۆرلەيدىكەن، ئەگەر كۈچلۈك سوغۇق ھاۋا ئېقىمى كۆرۈلمىسە، ھەپتە ئاخىرىغا بارغاندا شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى يازغا قەدەم قويىدىكەن.

  5-ئاي كىرگەندىن بۇيان، ھەر ھەپتىدە دېگۈدەك كۈچلۈكلۈك دەرىجىسى ئوخشاش بولمىغان سوغۇق ھاۋا ئېقىمى شىنجاڭغا تەسىر كۆرسىتىپ، «ئادەت»كە ئايلانغىلى ئازلا قالدى، شۇ سەۋەبلىك 5-ئاينىڭ باشلىرىدىن ئوتتۇرىلىرىغىچە شىنجاڭنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئاۋۋالقى يىللاردىكى ئوخشاش مەزگىلگە سېلىشتۇرغاندا بىر ئاز تۆۋەن بولدى.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھاۋارايى ئىستانسىسىنىڭ باش مەلۇماتچىسى ۋاڭ جيەن مۇنداق دېدى: 5-ئاي كىرگەندىن بۇيان، ھەرىكەتچان سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە ئۈرۈمچىدە ھۆل-يېغىن كۆپ بولدى، ھاۋا بۇلۇتلۇق ياكى ھاۋا تۇتۇق كۈنلەردە ھاۋا سالقىن بولۇپ، بەزىدە كىشىلەر سوغۇق ھېس قىلدى. بولۇپمۇ يامغۇردىن كېيىن ئەتىگەن ۋە كەچتە تېمپېراتۇرا پەرقى بىر قەدەر چوڭ بولدى، چۈشتىن كېيىن بولغاندا تېمپېراتۇرا ئۆرلەپ ℃20تىن يۇقىرى بولدى، ئەتىگەن ۋە كەچتە باھار شامىلى بىرقەدەر سوغۇق بولغاچقا كىشىلەر قېلىنراق كىيىندى.

  «ئادەت»كە ئاساسلانغاندا، 5-ئاينىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر ھەپتىسى ئەمدىلا باشلاندى، سوغۇق ھاۋا ئېقىمى يەنە يېتىپ كەلدى. مۆلچەرلىنىشىچە، ئۈرۈمچىدە 5-ئاينىڭ 27-كۈنى كېچىدىن 5-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن بۇرۇنغىچە ئازراق، ئوتتۇراھال يامغۇر ياغىدىكەن، 5-ئاينىڭ 28-كۈنىدىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃7 ئەتراپىدا تۆۋەنلەيدىكەن.

  شىنجاڭ ھاۋارايى ئىستانسىسىنىڭ باش مەلۇماتچىسى لى رۇچى مۇنداق دېدى: سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە، 5-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق ۋە ھۆل-يېغىنلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، قاراماي شەھىرى، شىخەنزە شەھىرى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بىر قىسىم تاغلىق رايونلاردا سىم-سىم يامغۇر، ئازراق يامغۇر ياغىدۇ. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان بىر قىسىم رايونلاردا 5~4 بال غەربىي شىمال ئۆتكۈنچى شامىلى چىقىپ، شامال ئېغىزلىرىدا شامال كۈچى 8 بال ئەتراپىدا بولىدۇ.

  «بىر قېتىملىق باھار يامغۇرى بىلەن ھاۋا ئىللىيدۇ»، 5-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن باشلاپ، شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا ھاۋا ئوچۇق بەزىدە بۇلۇتلۇق بولۇپ، شامال كۈچى چوڭ بولمايدۇ، مۇشۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا كىشىلەر 6-ئاينى كۈتۈۋالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن تەڭ ھاۋا ئىللىپ، سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىمۇ ئاجىزلايدۇ.

  «ئەگەر كۈچلۈك سوغۇق ھاۋا ئېقىمى يەنە دەخلى قىلمىسا، مۇشۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا شىنجاڭ ئومۇميۈزلۈك يازغا قەدەم قويۇپ، تېمپېراتۇرا ئۆرلەيدۇ، بۇ ئاۋۋالقى يىللاردىكى ۋاقىت بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن تەڭلىشىدۇ» دېدى لى رۇچى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ