مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭدا «تىيانشان شىمالىي ئېتىكى داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسى»قۇرۇلدى

  ھەر مىللەت ئاغرىقلىرىغا مۇلازىمەت قىلىدۇ

2019.05.30 10:49 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 5- ئاينىڭ 25- كۈنى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان (مۇخبىر يۈ تاۋ) رايون داۋالاش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، شىنجاڭ شىخەنزە داشۆسى تېببىي شۆيۈەنى قارىمىقىدىكى 1- دوختۇرخانا 5- ئاينىڭ 25- كۈنى «تىيانشان شىمالىي ئېتىكى داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسى» ئىتتىپاقىنى باشلامچى بولۇپ تەشكىللەپ قۇردى، تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىن كەلگەن 31 داۋالاش ئاپپاراتى بۇ ئىتتىپاقنىڭ ھەمكارلىق كېلىشىمىنى ئورتاق ئىمزالىدى.

  شىخەنزە داشۆسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى شيا ۋېنبىن مۇنداق دېدى: «تىيانشان شىمالىي ئېتىكى داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسى»نى تەشكىللەپ قۇرۇشتىكى مەقسەت تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شەھەرلەرنىڭ ئەڭ ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش بايلىقىنى بىرىكتۈرۈپ، بىرلەشمە ھەرىكەت مېخانىزمى شەكىللەندۈرۈپ، توپلىنىش ئەۋزەللىكىنى ماس جارى قىلدۇرۇپ، داۋالاش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىرىسلارغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ ياخشى داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش.

  بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە، مەملىكەت بويىچە ئاز كۆرۈلىدىغان كېسەلگە دىياگنوز قويۇش - داۋالاش ھەمكارلىق تورىدىكى ئۆلكە دەرىجىلىك باشلامچى دوختۇرخانا بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىخەنزە داشۆسى تېببىي شۆيۈەنى قارىمىقىدىكى 1- دوختۇرخانا باشقا يەتتە داۋالاش ئاپپاراتى بىلەن كېلىشىم ئىمزالىدى. كېلىشىمگە ئاساسەن، ھەرقايسى ھەمكارلاشقۇچى ئورۇنلار دىياگنوز قويۇش - داۋالاش ھەمكارلىق تورى سۇپىسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئاز كۆرۈلىدىغان كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئاغرىقلارنىڭ ساغلاملىق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى يەنىمۇ قوغداپ، ئاز كۆرۈلىدىغان كېسەلگە گىرىپتار بولغانلارغا قارىتا ئايرىپ تەكشۈرۈش، دىياگنوز قويۇش، داۋالاش، سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق پۈتكۈل جەرياندىكى ئۇدا دىياگنوز قويۇش - داۋالاش مۇلازىمىتىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

  بۇ قېتىم كېلىشىم ئىمزالىغان ئورۇنلار تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شىخەنزە شەھىرى، قاراماي شەھىرى، تۇرپان شەھىرى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن. تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكى شىنجاڭدىكى شەھەرلەر توپى زىچ جايلاشقان، شۇنداقلا يەرلىكتىكى داۋالاش بايلىقى مول رايون.
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ