باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

نامراتلارنى ئېكولوگىيە جەھەتتىن يۆلەش يېزا-كەنتلەردە يېڭى تۇرمۇشنى بارلىققا كەلتۈردى

مۇخبىرىمىز ليۇ دۇڭلەي

2018.11.26 13:44         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  11- ئاينىڭ 23- كۈنى، شەرقىي تىيانشاننىڭ جىمجىت ئورمانلىقىدىن قارنى دەسسىگەن «غاچ- غاچ» ئاۋاز ئاڭلىنىپ تۇراتتى، مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ چوقبارتاش يېزىسى چوقبارتاش كەنتىنىڭ ئاھالىسى ئامانباي ئورمان چارلاۋاتاتتى. ئامانباي مۇنداق دېدى: «ئورمان مۇھاپىزەتچىسىلىك خىزمىتى مېنى خاتىرجەم قىلدى، ئائىلەمنىڭ تۇرمۇشىمۇ كاپالەتكە ئىگە بولدى».

  ھازىرغا قەدەر، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئامانبايغا ئوخشاش ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 11 مىڭ نامرات ئاھالە ئېكولوگىيە ئورمان مۇھاپىزەتچىسى سىستېمىسىغا كىرگۈزۈلدى، يەنە 10 مىڭ ئورمان مۇھاپىزەتچىسى تەكشۈرۈپ تاللىنىۋاتىدۇ. مەۋقە تاغ- دەريالارغا قويۇلغان نامراتلارنى ئېكولوگىيە جەھەتتىن يۆلەش ھەرىكىتى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نامرات توپنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئۆزگەرتمەكتە.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق نازارىتى يۆلەش- ئېچىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ تيەنبىن مۇنداق دېدى: «بىز ئورمان مۇھاپىزەتچىلىرىنى تەكشۈرۈپ تاللاشتا، ئاساسىي جەھەتتىن تۆت جان بار بىر ئائىلىدىن بىر كىشىنى تاللىدۇق، بۇنداق بولغاندا 80 مىڭدىن ئارتۇق نوپۇسقا تەسىر كۆرسەتكىلى بولىدۇ. بىر ئادەمنى كىرگۈزگەندە پۈتۈن ئائىلىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرغىلى بولىدۇ».

  ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئوتبېشى يېزىسى باشئاقما كەنتىدە، نىجات مەمەت ئېكولوگىيە ئورمان مۇھاپىزەتچىسىلىكىنى ئۈستىگە ئېلىپلا قالماي، يەنە دۆلەت ئاممىۋى مەنپەئەت ئورمىنىنىڭ ئورمان پەرۋىش قىلىش ۋەزىپىسىنىمۇ ئۈستىگە ئالغان. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇ يەنە ئەتراپتىكى باغ- ئورمانچىلىق بازىسىدا كۈنلۈك ئىشلەيدۇ، ئۇنىڭ بىر يىللىق ساپ كىرىمى 15 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، ئائىلىسىدىكى تۆت جان نامراتلىقتىن قۇتۇلدى.

  2016- يىلىدىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 32 دۆلەت دەرىجىلىك يۆلەش- ئېچىش بويىچە نۇقتىلىق ناھىيەدە پەقەت ئورمانچىلىققىلا جەمئىي 4 مىليارد 581 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايون تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇش، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش- قۇمنى تىزگىنلەش، سۇلۇق يەرنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇردى، تۈر ۋە مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتە نامرات رايونلارغا يەنىمۇ مايىللىشىپ، شۇ جايلاردىكى نامرات ئاھالىنى ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە قۇرۇشقا قاتناشتۇرۇش ئارقىلىق نەپكە ئېرىشتۈردى.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىر قاتار سىستېما قۇرۇلۇشى نامراتلارنى ئېكولوگىيە جەھەتتىن يۆلەشنىڭ تەسىر دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى. چارۋىچىلارنى ماكانلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش قۇرۇلۇشى ۋە ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش چارۋىچىلارنى قامچىسىنى تاشلاپ، مۇقىم ئولتۇراقلىشىپ تۇرمۇش كەچۈرىدىغان قىلدى، شۇ ئارقىلىق چارۋىچىلىقتىن ئوتلاققا قايتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇندى.

  «سۇلار سۈزۈك، تاغلار يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق». تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاقنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش ئەسلىدە بار بولغان ساياھەت بايلىقىنىڭ سېھرىي كۈچىنى ئاشۇردى، بارغانسېرى كۆپ نامرات ئاھالە ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش داۋامىدا ئۆزىنىڭ تۇرمۇش يۆنىلىشىنى تاپتى.

  ئالتاي ۋىلايىتى قابا ناھىيەسى جايلىما يېزىسىنىڭ ئاقتۆبە كەنتىدە، كەنت ئاھالىسى ۋاڭ چاۋفېينىڭ 50 موغا يېقىن چوغلۇق يېرى بار ئىدى، ھازىر ھەر موسىنىڭ پايدىسى 10 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتتى. قاناس، بەيشاخۇدىن ئىبارەت ئىككى 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى ۋە ئاق قېيىن ئورمانلىقى، ۋۇسەيتەندىن ئىبارەت ئىككى 4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان ئاقتۆبە كەنتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان چوغلۇق تېرىشقا باشلىدى، گۈل پەسلىدە ھەسەل ھەرىسى، كېپىنەكلەر ھەريان ئۇچۇپ ساياھەتچىلەرنى كەينى- كەينىدىن قەدىمىنى توختىتىشقا جەلپ قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئىستېمال باشلىنىدۇ. نارات مەنزىرە رايونىدا بولسا ئات كارۋىنى، سەھرا ئارامگاھى قاتارلىقلار نۇرغۇن نامرات ئائىلىنى باياشات تۇرمۇشقا ئىگە قىلدى.

  جەنۇبىي شىنجاڭدا، 15 مىليون 800 مىڭ مودىن ئارتۇق باغ ئورمىنى شۇ جايدىكى دېھقانلارنى %25 تىن يۇقىرى ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمگە ئىگە قىلدى. ھازىر ئېلىپ بېرىلىۋاتقان باغ- ئورمانچىلىقنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ھەرىكىتى شىنجاڭ باغۋەنچىلىكىنىڭ سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈۋاتىدۇ.

  ئەمدىلا ئاياغلاشقان تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خاس باغ- ئورمانچىلىق مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمىسىدە، ھەرقايسى جايلار ئوڭۇشلۇق ھالدا 1 مىليارد 520مىليون يۈەنلىك توختام ئىمزالىدى، پۈتكۈل شىنجاڭنىڭ باغ- ئورمانچىلىقىنىڭ يىللىق ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 90 مىليارد يۈەنگە يەتتى، بۇنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى نۇرغۇن ئائىلىگە كىردى. شىنجاڭنىڭ ئىلگىرىكى نامرات يېزا- كەنتلىرىدە نامراتلارنى ئىكولوگىيە جەھەتتىن يۆلەش ھەرىكىتى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلغانلىقتىن، يېپيېڭى قىياپەت بارلىققا كەلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر