باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونىمىزغا 19- تۈركۈمدىكى ئەرزىيەت خەتلىرىنى بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەردى

2017.09.04 09:35         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش 8- گۇرۇپپىسى 8- ئاينىڭ 29- كۈنى سائەت 18دە ئاپتونوم رايونىمىزغا 19- تۈركۈمدە 98 پارچە ئەرزىيەت خېتىنى بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەردى. بۇنىڭ ئىچىدە ئاپتونوم رايونغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگىنى 78 پارچە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگىنى 20 پارچە.

  ئاپتونوم رايوننىڭ بېجىرىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن 78 پارچە ئەرزىيەت خېتى 8- ئاينىڭ 29- كۈنى سائەت 22 گىچە تەرتىپ بويىچە ئالاقىدار ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى.

  ئاپتونوم رايونغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن بۇ تۈركۈمدىكى 78 پارچە ئەرزىيەت خېتى رايون ئايرىمىسىدىن قارىغاندا ئۈرۈمچى شەھىرىگە چېتىلىدىغىنى 39 پارچە بولۇپ، ئومۇمىي ساننىڭ %50ىنى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىغا چېتىلىدىغىنى 12 پارچە بولۇپ، ئومۇمىي ساننىڭ %15.4ىنى؛ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىغا چېتىلىدىغىنى 11 پارچە بولۇپ، ئومۇمىي ساننىڭ %14.1ىنى ئىگىلىگەن. بۇنىڭدىن باشقا قومۇل شەھىرىگە چېتىلىدىغىنى 5 پارچە، تارباغاتاي ۋىلايىتىگە چېتىلىدىغىنى 3 پارچە، تۇرپان شەھىرى بىلەن باينىغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىغا چېتىلىدىغىنى 2 پارچىدىن، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، خوتەن ۋىلايىتى، ئالتاي ۋىلايىتى ۋە بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىغا چېتىلىدىغىنى 1 پارچىدىن ئىكەن. بۇلغىنىش تۈرىدىن قارىغاندا ئاتموسفېرا، شاۋقۇن، چاڭ- توزانغا چېتىلىدىغىنى ئەڭ كۆپ بولۇپ، مۇھىت مەسىلىسى ئومۇمىي سانىنىڭ %19.3ىنى ئىگىلىگەن؛ بۇنىڭدىن باشقا، قاتتىق تاشلاندۇق، بۇس، باشقا تۈردىكى بۇلغىنىش، سۇ ۋە ئېكولوگىيە مەسىلىسى ئايرىم- ئايرىم ھالدا %17.4، %11.9، %5.5، %4.6، %2.8 ىنى ئىگىلىگەن.

  مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى 8- ئاينىڭ 29- كۈنى سائەت 22 گىچە ئاپتونوم رايونىمىزغا 19 تۈركۈمدە جەمئىي 1426 پارچە ئەرزىيەت خېتىنى بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئاپتونوم رايونغا چېتىلىدىغىنى 1159 پارچە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىگە چېتىلىدىغىنى 255 پارچە، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىك بىرلىكتە بېجىرىدىغىنى 12 پارچە ئىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر